تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

زادى بازار ئىگىلىكىمۇ ياكى زورلاپ ئېلىش - سېتىشمۇ

ــــ ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ «مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىش، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاش» ھەقىقىي ئەپت - بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈش كېرەك

جۇڭ شېڭ

  «بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاشۇ ئادىل بولمىغان ئىقتىسادىي قىلمىشنى ئەيىبلەپ، بازار توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلايمىز.» ئامېرىكىدىكى بىرقىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ گەپ - سۆزلىرى ئەزەلدىن دەبدەبىلىك. بىراق ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى ئامېرىكا تەرەپنىڭ نۇرغۇن سىياسىتى ۋە قىلمىشى خىلمۇخىل ئادىلسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بازار ئىگىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇغا ئايلانماقتا.

  ئەڭ يېڭى دېلو مىسالىغا قاراپ باقايلى. يېقىندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق كارخانىلىرىنى «ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى، تىزىملىكتىكى كارخانا ياكى شەخسلەر سېتىۋېلىش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق، ئامېرىكا تېخنىكىسىغا ئېرىشمەكچى بولسا ئالاقىدار ئىجازەت ئېلىشى كېرەك. چەكلەش بۇيرۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، زەنجىرسىمان قامال قىلىش، دۆلەت ئاپپاراتىنى ئىشقا سېلىپ باشقا دۆلەت كارخانىلىرىغا بېسىم قىلىش، ئەجەبا بۇ دەل ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلار ماختىنىۋاتقان «بازار ئىگىلىكى» «ئەركىن رىقابەت»مۇ؟ ئامېرىكا تەرەپ ئۆزىنى بازار ئىگىلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى، دەپ ھېسابلاپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا بازار ئىگىلىكى قائىدىسىنى قوپاللىق بىلەن ئىلغاپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى سۇيىئىستېمال پوزىتسىيەدە بىر تەرەپ قىلدى. مۇشۇنداق سۆز - ھەرىكىتى بىردەك بولماسلىق، زورلاپ ئېلىش - سېتىش قانداقمۇ بازار ئىگىلىكى قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلسۇن، شۇنداقلا كىشىنى قانداقمۇ قايىل قىلالىسۇن؟

  ئۆتكەنكى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئامېرىكا تەرەپ ھە دېسىلا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن كۆپ قېتىملىق چەت ئەل مەبلىغىنىڭ قوشۇۋېلىش - سېتىۋېلىش سودىسىنى رەت قىلدى. يەنە رەڭلىك كۆزەينەك تاقىغان بەزى ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلار ياكى بولمىسا ئاساسسىز ھالدا جۇڭگو كارخانىلىرىغا «خەۋپسىزلىك خەتىرى» يۇندىسىنى چاچتى، ياكى بولمىسا ئامېرىكىلىقلارنى جۇڭگو ياسىغان ھەرقانداق تاۋارنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلىشقا قۇتراتتى. بۇ قىلمىشلارغا تىرەك بولۇۋاتقىنى «زورلاپ ئېلىش - سېتىش»تىن ئىبارەت زومىگەرلىك لوگىكىسى: ئامېرىكا نېمىنى ئاسان ئىشلەپچىقارسا، دۇنيا چوقۇم شۇنى سېتىۋېلىشى كېرەك، ھالبۇكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئامېرىكىغا تۆۋەن قوشۇلما قىممەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىلا ئېكسپورت قىلىشى، جەزمەن ئۇزاق مۇددەت خاتىرجەم ھالدا ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى تۆكمە قىلىپ ساتىدىغان جاي، تۆۋەن دەرىجىلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىنىدىغان جاي بولۇشى كېرەك، «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەر جەزمەن شەرتسىز يول قويۇشى كېرەك.

  ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىدىكى بىرقىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ نەزەرىدە پايدىلا بار، قائىدە يوق، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق قائىدىنى دەپسەندە قىلىشقا بولىدۇ. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش - تارتىشلارنى كېسىم قىلىش تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بۈگۈنگە قەدەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېسىمىگە بويسۇنمىغان ئەڭ چوڭ «قائىدىگە بويسۇنمىغۇچى» ئىكەن. خىلمۇخىل ئالامەتلەر شۇنى بىلدۈردىكى، تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش ئاللىبۇرۇن ئامېرىكىنىڭ سودا ھەمراھلىرىغا بېسىم قىلىش قورالى بولۇپ قالغان، ھەرقانداق دۆلەت زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»مۇ شۇنى ئېتىراپ قىلىدۇكى، ئامېرىكا تەرەپ «باشقا دۆلەتلەر بىلەن يېڭى سودا بىتىمى ھاسىل قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئارقىدىنلا بۇ كېلىشىملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ مەقسەتكە يېتىشنى مۇھاكىمە قىلىدۇ». نۇرغۇن خەلقئارالىق زاتلارنىڭ قارىشىچە، ۋاشىنگتون ھەمىشە «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»نى قوغلىشىپ، ۋاسىتە تاللىماي ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە چوڭايتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى «ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرغۇچى» ۋە «تەرتىپ بۇزغۇچى» ئىكەن.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم قىلمىشلىرى ئادىل، ئوچۇق، ھەمكارلىشىدىغان بازار ئىگىلىكى قائىدىسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت ئامېرىكىنىڭ پەن - تېخنىكا زومىگەرلىكى ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى قوغداش، بۇ «باشقىلارنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشىنى كۆرەلمەسلىك»تەك شەخسىيەتچىلىك پىسخىكىسىنىڭ ۋەسۋەسىسىدىندۇر. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 3- ئايغىچە، 5G خەۋەرلىشىشى ئېھتىياجلىق ئۆلچەمنىڭ زۆرۈر پاتېنت ئىلتىماس سانىدا، جۇڭگو %34.02نى ئىگىلىگەن، ئامېرىكا ئاران %14نى ئىگىلىگەن. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار بۇنىڭ بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا «5G ئامېرىكا ئۇتمىسا بولمايدىغان بىر مەيدان نۆل يىغىندىلىق ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى» «خۇاۋېينى جايلىۋېتىش جۇڭگو - ئامېرىكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشتىن ئون ھەسسە مۇھىم» دەپ جاكارلىدى. ئامېرىكا بىر تەرەپتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا خەۋپسىزلىك خەۋپ - خەتىرى مەۋجۇت دەپ ئەيىبلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىقتىسادىي ئاخباراتلارنى توپلاپ، رىقابەتچىلىرىنى مەخپىي كۆزەتتى، بۇ شۇنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈردىكى، ئاتالمىش خەۋپسىزلىك خەۋپ - خەتىرى دەستىكى، تېخنىكىنى مەجبۇرىي ئۆتۈنۈپ بېرىش باھانىلىرىنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى بېسىشتىن ئىبارەت بۇ ھەقىقىي مەقسىتىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ. يېقىندا مودا بولۇۋاتقان «ئامېرىكا تۇزىقى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ئوچۇقتىن - ئوچۇق مۇنداق ياندۇرۇپ سورىدى: «تۈنۈگۈن ئالستۇم، بۈگۈن خۇاۋېي، ئۇنداقتا ئەتە يەنە كىم بولار؟»

  «ئالىيجاناب رىقابەت بارلىق قالتىس ئىقتىدارنىڭ مەنبەسى». ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى بازار ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش قانۇنىيىتىنى چۈشىنىشى كېرەك. توختام روھىنى دەپسەندە قىلىش، قانۇنچىللىق قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئادىل رىقابەتنى بۇرمىلاش، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشى «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»نى ئىشقا ئاشۇرمايلا قالماستىن، تەتۈر ئۈنۈم بېرىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئارقىلىق كەسىپ قايتما ئېقىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال ئويلىغان يېرىدىن چىقمىدى، تېسلا شاڭخەيدە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، خاللېي موتوسىكلىتىمۇ چېگرا سىرتىغا بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى يۆتكەشنى قارار قىلدى؛ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خۇاۋېينى قامال قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى بېسىشنى ئۈمىد قىلدى، لېكىن بارغانسېرى كۆپ دۆلەت خۇاۋېي تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى قارار قىلدى، مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتېر يېقىندا خۇاۋېي تېخنىكىسىنى ئىمكانقەدەر كۆپ ئىشلىتىمىز دەپ ئاشكارا بىلدۈردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىقتىساد يەر شارىۋىلاشقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئۆزئارا سىڭىشكەن بولۇپ، كىمنىڭ بېلىكىنىڭ توملۇقى، كۈچىنىڭ زورلۇقىدا بەسلىشىدىغان زومىگەرلىك دەۋرى كەلمەسكە كېتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بازار ئىگىلىكى قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، خالاس.

  «بىر كەسىپ مۇبادا جەمئىيەتكە پايدىلىق بولسا، ئۇنى ئەركىن قويۇۋېتىش، كەڭ دائىرىدىكى رىقابەتلىشىشكە يول قويۇش كېرەك، رىقابەت قانچىكى ئەركىن، قانچىكى ئومۇميۈزلۈك بولغانسېرى، بۇ كەسىپ جەمئىيەتكە شۇنچە پايدىلىق بولىدۇ». ئادام سىمىتنىڭ بۇ ھېكمەتلىك سۆزى ئامېرىكىدىكى يۇقىرى قاتلام سىياسەتۋازلارنىڭ ئېسىدە بارمىدۇ؟ 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا ئامېرىكا 20 مىڭ خىلدىن ئاشىدىغان چەت ئەل تاۋارلىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي چوڭ كاساتچىلىق پەيدا قىلغان، بۇ تارىخنى ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى تېخىمۇ ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. بازار قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغاندا، زورلاپ ئېلىپ - ساتقاندا، بىر دۆلەت «يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغ» بولمايلا قالماي، ئەكسىچە چوڭ دولقۇننىڭ قۇم چايقىشىدەك تارىخىي ئېقىندا دەردىنى ئۆزى تارتىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى