تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەرتىپلىك ئاخىرلاشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەرتىپلىك ئاخىرلاشتى. ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىمتىھانغا ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملار مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى، ئۆلچەملىك مەشغۇلات ئېلىپ باردى، ئىمتىھان مەيدانى تەرتىپلىك، تەشكىللىنىشى رەتلىك بولدى، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش ۋەقەلىرى ۋە ئىمتىھان مەيدانىدا چوڭ كۆلەملىك، تەشكىللىك كۆز بويامچىلىق قىلىش ۋەقەلىرى يۈزبەرمىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مائارىپ، ئىمتىھان، ئىمتىھان ئىشلىرى قوماندانلىق مەركىزىدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 76 ئىمتىھان رايونىنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىشخانىسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىش، ھەرقايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرىنىڭ ئىمتىھان باشلاش، ئىمتىھاننى تەشكىللەپ يولغا قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرگەن ھەم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، ئىمتىھان رايونلىرىغا، ئىمتىھان نۇقتىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئىمتىھاننى نازارەت قىلىپ - تەكشۈرۈپ، ئىمتىھان جەريانىدىكى گەۋدىلىك قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلغان؛ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مائارىپ، ئىمتىھان مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش بىرلەشمە يىغىنى ھەم تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزا ئورۇنلىرى بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈپ، بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئىمتىھان قەغىزىنىڭ بىخەتەرلىكى، مەخپىيەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەر ۋە تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، تور ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسى قاتارلىق ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى خادىملار بىرلەشمە ئىش بېجىرىپ، نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلىپ ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئىمتىھان مەزگىلىدىكى تۇيۇقسىز، تاسادىپىي يۈزبەرگەن ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئادىل، ھەققانىي ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بەرگەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتناش - يول يۈرۈش، شاۋقۇننى تۈزەش، سەھىيە - يۇقۇم مۇداپىئەسى، تەشۋىقات - مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئىنچىكە، ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز 97 نەپەر مېيىپ ئىمتىھان بەرگۈچىنى چوڭ خەتلىك ئىمتىھان قەغىزى، ئايرىم ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىش، ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىش، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئىمتىھان مەيدانىغا ئالدىن كىرىش، ئاۋدىفون تاقاش قاتارلىق مۇۋاپىق قولايلىقلار بىلەن تەمىنلىگەن؛ بىر نەپەر ئەمالار يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگۈچىنى ئەمالار يېزىقى ئىمتىھان قەغىزى بىلەن تەمىنلىگەن؛ ئىمتىھاندىن بۇرۇن تاسادىپىي يارىلانغان ياكى يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان 86 نەپەر ئىمتىھان بەرگۈچىنى ئايرىم ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىش، داۋالاش خادىملىرى ھەمراھ بولۇش قاتارلىق ئادىمىيلىكلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن. ھەرقايسى جايلاردىكى مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش كارخانىلىرى، مېھرىبان زاتلار ئىمتىھان مەيدانىغا ئاپىرىپ قويۇش، سۇ يەتكۈزۈپ بېرىش، يېزىق قوراللىرى سوۋغا قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بەس - بەستە ئىمتىھانغا مەدەت بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىللىق، ئىناق ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى ئىپادىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ