تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

يۇيۇنغاندا يۈزنى كۆپ يۇيماسلىق كېرەك

  تېلېۋىزوردا، بىز رول ئالغۇچىلارنىڭ يۇيۇنغاندا سۇ پۈركۈگۈچنى يۈزىگە تۇتۇپ يۇيۇنغان كۆرۈنۈشىنى كۆپ كۆرىمىز. يېقىندا، ئامېرىكا «تەبىئىي ئانا» تورىدا ئېيتىلىشىچە، يۇيۇنغاندا ئەڭ ياخشىسى يۈزنى كۆپ يۇيماسلىق كېرەككەن.

  1. يۇيۇنغاندىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك قىزىق. ئامېرىكا تېرە كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيتى يىلىمان سۇدا يۈز يۇيۇشنى تەۋسيە قىلىدۇ، لېكىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا كۆپىنچە كىشىلەر جۈمەكتىن چىقىدىغان سۇدىن قىزىقراق سۇدا يۇيۇنىدۇ. بۇ سەزگۈر تېرىلەرگە نىسىبەتەن خېلىلا قىزىق. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا قان تومۇرلارنى كېڭەيتىۋېتىپ، ئاجىز توقۇلمىلارنى ئۈزۈۋېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىق سۇمۇ تېرىنى قوغدايدىغان ماي قەۋىتى توسۇقىنى بۇزۇۋېتىدىكەن.

  2. سۇ بېسىمى بەك يۇقىرى. يۇيۇنۇش جەريانىدا سۇ پۈركۈگۈچنىڭ زەربە كۈچى يۇمشاق تېرىنى ھەددىدىن زىيادە غىدىقلاپ، تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

  3. يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن. ئامېرىكا تېرە كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەڭ نورمال يۇيۇنۇش ۋاقتى 5~10 مىنۇت بولسا مۇۋاپىق ئىكەن. فىرانسىيە داڭلىق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى مۇتەخەسسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇيۇنۇش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، يۈز قىسمىنىڭ تېرىسى شۇنچە قۇرغاق بولۇپ كېتىدىكەن. يۈز قىسمىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدىغان سېرامىد، ياغ كىسلاتاسى ۋە ماي قاتارلىق تەبىئىي نەملىكنى ساقلاش ئامىللىرىنىڭ ھەممىسى سۇدا ئېرىشچان بولۇپ، يۈزنى 10 مىنۇت يۇيغاندا ئۇلار پاكپاكىز چىقىپ كېتىدىكەن.

  4. خىمىيەۋى بۇيۇمنىڭ غىدىقلىشى. يۈزگە ئېقىپ چۈشكەن چاچ سوپۇنى، چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقى تېرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇلار يۈزدىكى ماي قەۋىتىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ، تېرىنىڭ قۇرغاق بولۇپ قېلىشىدەك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ