تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مايتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى): 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاش بايرىمىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونى مايتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا يۇقىرى بوشلۇقتا چوڭ جىلغىدىن ئۆتۈش دارۋاز ئويۇنى، ئەينەك ئاسما كۆۋرۈك، تىك يار ئىلەڭگۈچى قاتارلىق خەتەرلىك ۋە ئالقىشلىق ساياھەت تۈرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ساياھەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

  مەنزىرە رايونى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئەڭ خەتەرلىك، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان تۈر يۇقىرى بوشلۇقتا چوڭ جىلغىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2019 مېتىرلىق پولات سىم جىلغىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىكەن، پولات سىم بىلەن جىلغا تېگىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 200 مېتىر كېلىدىكەن، دارۋاز ئالتە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خادىنى تۇتۇپ، پۈتكۈل مۇساپىنى تاماملايدىكەن؛ ئەنئەنىۋى دارۋاز ئويۇنى چوڭ جىلغا يادرولۇق مەنزىرە رايونى سۇپىسىدا ئورۇنلىنىدىكەن، شەرقتىن غەربكە تارتىلغان 60 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات سىم  بىلەن يەر يۈزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارىلىقى 21 مېتىر كېلىدىكەن، ئويۇن قويغۇچى پولات سىمدا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇش، كۆزىنى ئېتىپ مېڭىش، چاققانلىق بىلەن سەكرەش قاتارلىق بىر قاتار خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلايدىكەن؛ ساياھەتچىلەرمۇ كىچىك تىپتىكى ئەسلىھەلەردە پولات سىمدا مېڭىپ، دارۋاز ماھارىتىنى ھېس قىلالايدىكەن.

  دارۋاز ئويۇنى مايتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى بىلەن شىنجاڭ «پەلەك شاھى» ئادىلنىڭ ھەمكارلىق تۈرى بولۇپ، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئادىلمۇ مايتاغ چوڭ جىلغىسىدا نومۇر كۆرسىتىدىكەن.

  چوڭ جىلغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى تىك يار بويىدا، 20 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۇقىرى بوشلۇق ئىلەڭگۈچى كىشىگە ھەقىقىي «بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىش» تۇيغۇسىنى بەكرەك ھېس قىلدۇرالايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مايتاغ چوڭ جىلغىسى ساياھەت ئېچىش تۈرىدە 5613 مو يەر ئىشلىتىش مۆلچەرلەنگەن. نۆۋەتتە 1-قارارلىق تۈردە دەرۋازا مۇلازىمەت مەركىزى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، تازىلىق ئۆيى، ئۇششاق تىجارەت يانداش ئەسلىھەلىرى ۋە ياغاچ ئاسما يول، ئەينەك كۆۋرۈك قاتارلىق تۈرلەرنى قۇرۇش تاماملانغان، بۇ تۈرلەرگە جەمئىي 208 مو يەر ئىشلىتىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ