تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى»دىكى ھەقسىز تېتىش پائالىيىتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن): ئون مىڭ كىشلىك پولو، لەغمەن، نان، روۋجيامو تېتىش پائالىيىتى... 9-نۆۋەتلىك «يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى»دە، 10 مىڭ كىشىلىك ھەقسىز تېتىپ كۆرۈش پائالىيىتى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن پائالىيەتكە ئايلاندى.

  6-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 12 ئەتراپىدا، شىنجاڭ نان شاھى، ماي گۈلى نېنى، تۇچىن نېنى، يېشىل جىلغا تابا نېنىدىن ئىبارەت بەش نان كۆرگەزمە ئورنىدا ئالدى بىلەن ھەقسىز تېتىپ كۆرۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى.

  شىنجاڭ نان شاھى كۆرگەزمە ئورنىنىڭ يېنىدىكى شىردان قىزىلمۇچ قىيامى كۆرگەزمە ئورنى يەنە قىزىلمۇچ قىيامىنى خېرىدارلارغا تېتىشقا بەردى، نۇرغۇن خېرىدارلار نان بىلەن قىزىلمۇچ قىيامىنى بىرلىكتە تېتىپ كۆردى، «نان بىلەن قىزىلمۇچ قىيامى، بىز شىنجاڭلىقلارغا ئەڭ ماس كېلىدۇ.» دېدى شىنجاڭ شىردان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سۈن لېي.

  نانلارنى تېتىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە غەربىي يۇرت مەززىلىك پولوسى، كۆپۈك تورت، چىنسەنشاۋ روۋجيامو ھەقسىز تېتىلدى، «بىز ئون كۈن ئىلگىرىلا روۋجيامو پىشۇرۇشقا تەييارلىق قىلدۇق، جەمئىي 20 مىڭ روۋجيامو پىشۇردۇق، ھەر كۈنى 3000نى ھەقسىز تېتىشقا چىقاردۇق، بۇ گۆش نانلارغا ئىككى توننا ئۇن، 700 كىلوگىرام گۆش ئىشلەتتۇق.» دېدى چىنسەنشاۋ روۋجياموسىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ چياڭ.

  سائەت 16 دە، «يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى»دە كاۋاپلار ھەقسىز تېتىلدى، تېتىپ بېقىشنى كۈتۈپ تۇرغان خېرىدارلار 30-40 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا رەتكە تىزىلدى، شۇ كۈنى شىنجاڭ «فۇرۈندې» گۇرۇھى تيەنشياچۈن ئېكولوگىيەلىك يېمەك-ئىچمەك مەيدانى چەكلىك شىركىتى خېرىدارلارنىڭ تېتىپ بېقىشىغا 2000 زىخ كاۋاپ تەييارلىدى.

  ئۈرۈمچى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بەي جىڭتاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 9-نۆۋەتلىك «يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى»دىكى 10 مىڭ كىشىلىك تېتىپ كۆرۈش پائالىيىتىگە جەمئىي 19 كارخانا قاتناشقان بولۇپ، ھەر كۈنى 10 مىڭ كىشىلىك تېتىپ بېقىش پائالىيىتىدىن ئالتە تۈرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېتىپ بېقىش پائالىيىتى پۈتۈن كۈن توختاپ باقمىغان، بۇ «يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقان كارخانىلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق تېتىپ كۆرۈش پائالىيىتى ھېسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ