5-ئاينىڭ 31-كۈنى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسى « يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈر مەن ۋەتەن ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىمەن» تېمىسىدىكى دېكلاماتسىيە قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇردى.
بۇ مۇسابىقىگە قوبۇقسار ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ شازغەت يېزىسى شازغەت كەنتى، چاغانئېنگې كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ قاتناشتۇرغان. مۇسابىقىدە، ماھىرلار ۋەتەننى مەدھىيەلەش، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، چىن، ياخشىلىق، گۈزەللىكنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا راۋان دېكلاماتسىيە قىلىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلىدى.
«بۈگۈن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتىم، مۇئەللىمگە رەھمەت، ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، تېخىمۇ چوڭ سەھنىلەرگە چىقىمەن.» دېدى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر شاھناز شاكىرجان.
مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر ليۇ جياشۈەن مۇنداق دېدى:«باشقا ماھىرلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، بۇنىڭ مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردىمى ناھايىتى چوڭ».
قوبۇقسار ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسى ئىدىيىۋى-سىياسىي مەكتەپ بىخەتەرلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋۇ لەننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەرنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.
(تارباغاتاي ۋىلايىتى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن چىمەن ئوتخونچىمىگ، ئىرسىل تەمىنلىگەن)