شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار گۇ يۈ، بەي جيالى) مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تارىم نېفىتلىكى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا جەمئىي 33 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى 4 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى «بەخت» تىن ئورتاق بەھرىمەن قىلغان.
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى 2013-يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، بۇ تۆت غول گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ۋە 19 تارماق لىنىيە گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، گازلاشتۇرۇش دائىرىسىدە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسىمى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن، 42 ناھىيە، شەھەر، 21 دېھقان-چارۋىچىلىق تۈەن-چاڭغا مەنپەئەت يەتكۈزۈلۈپ، تارىم ئويمانلىقىنى ئايلانغان بىر تەبىئىي گاز غول تۇرۇبا تورى شەكىللەندۈرگەن.
جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكىنىڭ ھېسابلىشىچە، «جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش» ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى گاز بىلەن تەمىنلەنگەندىن بۇيان 33 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى 43 مىليون 160 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، 29 مىليون 880 مىڭ توننا زىيانلىق ماددىنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتقانغا تەڭ ئىكەن.
تارىم نېفىتلىكىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە، بۇ يىل نېفىتلىك 191 قۇدۇق ئېچىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، تارىم نېفىتلىكىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئېلىش ساھەسىنى قوغداپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىدىكەن. نۆۋەتتە، تارىم نېفىتلىكى 30 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىتلىك-گازلىق قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، 2020-يىلىغىچە 30 مىليارد كۇب مېتىرلىق چوڭ گاز رايونى قۇرۇشنى پىلانلىغان.