تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

«ئىلىم –پەن» ناملىق پاراخوت مارىئانا دېڭىز جىلغىسىنىڭ نۇرغۇن جايىدا ئاز ئۇچرايدىغان «دېڭىز ئاستى گۈللۈكى»نى بايقىدى

«بايقاش» ناملىق يىراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان ئادەمسىز سۇ ئاستى كېمىسى سۈرەتكە تارتىۋالغان «دېڭىز ئاستى گۈللۈكى»(5-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگنېتلىقى تارقاتتى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو يىراق ئوكيان ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى « ئىلىم - پەن»نىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرى 5- ئاينىڭ 28 – كۈنى مارىئانا دېڭىز جىلغىسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز تېغىدا 10 پارچىغا يېقىن رەڭگارەڭ مارجان ئورمىنىنى بايقىغان.

  «بايقاش» ناملىق يىراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان ئادەمسىز سۇ ئاستى كېمىسى سۈرەتكە تارتىۋالغان «دېڭىز ئاستى گۈللۈكى»(5-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگنېتلىقى تارقاتتى

  شۇ كۈنى، «بايقاش» ناملىق يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئادەمسىز سۇ ئاستى كېمىسى بىر دېڭىز تېغىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغ قاپتىلىدىن باشلاپ يۇقىرىغا يامىشىپ، سۇ ئاستى جانلىقلىرى ۋە تاغ جىنسلىرىنى تەكشۈرگەن ۋە ئەۋرىشكە ئالغان. تەخمىنەن 880 مېتىر چوڭقۇرلۇققا بارغاندا، « بايقاش » ناملىق كېمە دەل ۋاقتىدا تارقاتقان سۈزۈك سىن كۆرۈنۈشىدە رەڭگارەڭ « دېڭىز ئاستى گۈللۈكى » پەيدا بولغان، بۇ دېڭىز ئاستى گۈللۈكىدە سېرىق تال مارجان، سەت تال مارجان، تىكەنلىك سۆگەت مارجان، قارا مارجان، تۈۋرۈكسىمان گىدرا ئۆسىدىكەن، بۇلاردىن سىرت، دېڭىز يىلىنى ۋە ساۋۇتلۇق راكلارمۇ بار ئىكەن.

  «بايقاش» ناملىق يىراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان ئادەمسىز سۇ ئاستى كېمىسى سۈرەتكە تارتىۋالغان «دېڭىز ئاستى گۈللۈكى»(5-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگنېتلىقى تارقاتتى

  داۋاملىق «تاغقا چىقىش» جەريانىدا، «بايقاش» ناملىق كېمە يەنە نۇرغۇن جايدا بۇلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان «دېڭىز ئاستى گۈللۈكى»نى بايقىغان. گەرچە كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما باشقا جانلىقلار بار جايلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھەيۋەتلىك كۆرۈنگەن.

  «بايقاش» ناملىق يىراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان ئادەمسىز سۇ ئاستى كېمىسى سۈرەتكە تارتىۋالغان «دېڭىز ئاستى گۈللۈكى»(5-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگنېتلىقى تارقاتتى

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دېڭىز - ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئالىم شۈ كۇيدوڭ مۇنداق دېدى: چوڭقۇر دېڭىزدىكى مارجان ئورمىنى كۆپىنچە جەنۇبىي ۋە شىمالىي كەڭلىك 30 گىرادۇسلۇق ئىككى قۇتۇپتا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇنداق نۇرغۇن رەڭگارەڭ مارجان ئورمىنى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.»

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي كەڭلىك 20 گرادۇس ئىچىدىكى غەربىي تىنچ ئوكيان دېڭىز تەۋەسى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن يىراق بولۇپ ، قۇرۇقلۇق مەنبەلىك ئوزۇقلۇق تۇز تولۇقلىيالمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىل بويى سۇنىڭ ئۈستى ئىسسىق، ئاستى سوغۇق، ئۈستى بىلەن ئاستىدىكى سۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئالماشمايدىغان بولغاچقا ھەمدە تۆۋەن قەۋەتتىكى مول ئوزۇقلۇق تۇز ئۈستىگە چىقالمىغاچقا ئوزۇقلۇق كەمچىل دېڭىز رايونى دەپ ئاتالغان.

  «بايقاش» ناملىق يىراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان ئادەمسىز سۇ ئاستى كېمىسى سۈرەتكە تارتىۋالغان «دېڭىز ئاستى گۈللۈكى»(5-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگنېتلىقى تارقاتتى

  مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، «بايقاش» ناملىق كېمە تەكشۈرگەن رايون دېڭىز تېغى ئېقىمىنىڭ ئۇدۇل يۈزىگە جايلاشقان، بۇ يەرنىڭ ئوكيان ئېقىمى مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېقىش سۈرئىتى بىر قەدەر چوڭ، ئاستىنقى قەۋەتتىكى ئوكيان ئېقىمى ئورگانىك ماددىلار مول بولغان «دېڭىز – ئوكيان قار»ىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ، سۈزۈش خاراكتېرلىك جانلىق مارجاننى مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ دېڭىز تېغىنىڭ تەگلىك مۇھىتى مۇقىم بولۇپ، مارجان، بۇلۇت قاتارلىق جانلىقلارنىڭ يېپىشىشى، ئۆسۈشى ۋە ئۇزاق مۇددەت توپلىشىشىغا پايدىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار دېڭىز يىلىنى، دېڭىز گۈلسامسىقى، ساۋۇتلۇق راكلارنى دەم ئېلىش سورۇنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  «بايقاش » ناملىق يىراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان ئادەمسىز سۇ ئاستى كېمىسى سۈرەتكە تارتىۋالغان «دېڭىز ئاستى گۈللۈكى»(5-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگنېتلىقى تارقاتتى

  دېڭىز تېغى دېڭىز ئاستى تېغى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ دېڭىز ئاستى ئېگىزلىكى 1000 مېتردىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا دېڭىز يۈزىگە گەۋدىلىك كۆتۈرۈلۈپ چىقمىغان دېڭىز تېغىنى كۆرسىتىدۇ.

  «بايقاش » ناملىق كېمىنىڭ ئىجرا قىلىۋاتقىنى دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا ئۇل بايلىقىنى تەكشۈرۈش مەخسۇس تۈرى «غەربىي تىنچ ئوكيان تىپىك دېڭىز تېغى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئىلمىي تەكشۈرۈش» ۋەزىپىسى بولۇپ، 5-ئاينىڭ 18- كۈنى چىڭداۋدىن يولغا چىقىپ، 6- ئاينىڭ 23- كۈنى شيامېنغا قايتىپ كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ