تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

خېجىڭ ناھىيەسى: جۇسەيگۇ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ساياھەتچىلىككە تۈرتكە بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (تەكلىپلىك مۇخبىر تاڭ يۈ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى بىڭ، خۇ ۋېيخۇا) : «بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى نېمىدېگەن گۈزەل، يەنە ئۆز قولىمىز بىلەن ياۋا جۈسەي ئۈزگىلى بولىدىكەن، نېمىدېگەن كۆڭۈللۈك.» 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرلار ساياھەت ئۆمىكىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى بالغۇنتاي بازىرى خۇستاي كەنتى جۇسەيگۇ جىلغىسىغا كەلدى، مەنزىلگە يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، بىللە كەلگەن ساياھەتچىلەر ھەيرانلىق ئىلكىدە ماختىشىپ كەتتى.

  باشلامچى ساياھەت يېتەكچىسى ئالاش مۇنداق دېدى: «ھازىر كىشىلەر كۈتۈنۈشكە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، ياۋا جۇسەي تەركىبىدە مول ۋېتامىن ۋە يىرىك تالا بار، بىز گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياۋا جۇسەي ئۈزۈپ نەق مەيداندا پىشۇردۇق، بۇ شەھەرلەردە يېيىش تەس بولغان "ياۋا تەم".

  كۈن ئەمدىلا يورۇشى بىلەن، جۇسەيگۇ جىلغىسىدىكى چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ ئايال خوجايىنى تۇيې ئوت قالاش، سەي يۇيۇش، گۆش سېلىش قاتارلىقلار ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  يەرلىك چارۋىچى تۇيېغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇسەيگۇ جىلغىسىنىڭ بارغانسىرى تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇ بۇ ساياھەت گۆھەر زېمىنى ئېلىپ كەلگەن مول مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولدى. مۇخبىر ئۇنىڭ چارۋىچىلار ئارامگاھىغا كەلگەندە، ئۇ ساياھەتچىلەرگە ئەتكەن چاي دەملەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بالغۇنتاينىڭ ئۆزگىچە كىلىماتى جۇسەيگۇ جىلغىسىنى سالقىن ھەم يېقىملىق قىلدى. يېشىل ياۋا جۇسەي، ئاق قوي پادىلىرى بىر-بىرىگە ماسلىشىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى ھاسىل قىلدى.

  تۇيې مۇنداق دېدى: «مەن 2017-يىلى بۇ چارۋىچىلار ئارامگاھىنى ئاچتىم، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ماڭا زور مەدەتلەرنى بەردى. بۇ بىر قانچە يىلدا، خېجىڭ ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ بارغانسىرى ياخشىلاندى، بۇلتۇر بىر يىلدا، بىز 5000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق، مۆلچەرىمىزچە، بۇ يىل ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ». ئۇنىڭ چارۋىچىلار ئارامگاھى يەنە ئەتراپتىكى تۆت نامرات ئاھالىنى ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا قۇبۇل قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بالغۇنتاي بازىرى خۇستاي كەنتى جۇسەيگۇ جىلغىسى خېجىڭ ناھىيەسىگە 70 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۆلەت يولى 216- لىنىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 5 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ رايوننىڭ ياز پەسلىدىكى كىلىماتى يېقىشلىق بولۇپ، جۇسەيگۇ جىلغىسىدا نۇرغۇن ياۋا جۇسەي ئۆسكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان، جىلغا ئىچىدە كەڭ كەتكەن تەبىئىي ياۋا جۇسەي، قارىغاي ئورمىنى ۋە ھەرخىل ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر بار، مەنزىرىسى گۈزەل. ھەر يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە، ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق جايلاردىكى ساياھەتچىلەر ئۆزلۈكىدىن بۇ يەرگە ئوينىغىلى، ياۋا جۇسەي ئۈزگىلى، پىيادە ماڭغىلى، ئېكسپېدىتسىيە قىلغىلى كېلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ