تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەھرىمانلار تۇشمۇتۇشتىن قايتتى كەچ ھەيۋەت بىلەن

ـــ «بۈگۈنكى جۇڭگو» توغرىسىدا چاتما مۇلاھىزە (6)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى تۇ خۇڭچاڭ، ۋۇ جىڭ، شى يۈسېن، لى دەيشياڭ

  «ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايمىز، ئۇرۇش قىلىشتىن قورقمايمىز، زۆرۈر بولغاندا ئۇرۇش قىلىشتىن يانمايمىز.» بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا تەرەپ مۇشتۇمزورلۇقنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭگو خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭىلمەس قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  خەلق ھەقىقىي قەھرىمان. بۈگۈنكى جۇڭگودا، مىليونلىغان خەلق ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلدى. جۇڭگو زېمىنىغا نەزەر سالساق، «قەھرىمانلار تۇشمۇتۇشتىن قايتتى كەچ ھەيۋەت بىلەن» دېگەندەك ھەيۋەتلىك مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

   جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقان ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقى بىزنىڭ جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن ھالقىشىمىزدىكى كۈچ مەنبەيىمىز

  نەچچە كۈن بۇرۇن، پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى كەڭ تارقالدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى بوران - چاپقۇنلۇق يىللاردا، گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كەلگەن زەربىدار ئەترەت ئەزاسىدىن چېگرا رايونغا جايلاشقان تاغلىق شەھەردىكى ئادەتتىكى كادىرغىچە، جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىش ئورنى، سالاھىيىتى قايتا - قايتا ئۆزگەردى، ئەمما ئۇنىڭ ۋەتەنگە بولغان ساپ قەلبى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىدى.

  ئەڭ ئالىي يۈكسەكلىكنى قەلبىگە پۈكۈپ، سەمىمىيلىك بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو زېمىنىدا قەھرىمانلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى.

  خۇاڭ دانيەن چەت ئەلدىكى ئەۋزەل تەمىناتتىن ۋاز كېچىپ، قەتئىيلىك بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆتكۈر تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تۆھپە قوشتى.

  جۇڭ ياڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 16 يىلىدا ئېگىزلىكنى كېزىپ، 40 مىليون تال ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى يىغدى، بۇ «ئۇرۇق خەزىنە»سى جۇڭگونى تەدرىجىي تەرەققىيات بىيولوگىيەسى ساھەسىدە ياپونىيە، ياۋروپا - ئامېرىكا بىلەن تەڭ ئورۇنغا ئىگە قىلدى.

  ۋاڭ جىسەي سۇ يوق، توك يوق، ئۆسۈملۈكلەرمۇ تەستە ئەي بولىدىغان يېگانە ئارالنى 32 يىل قەتئىي ساقلاپ، ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى ۋەتەننىڭ دېڭىز مۇداپىئە ئىشلىرىغا بېغىشلىدى...

  ھەر قېتىم دۆلەت چاقىرىق قىلغاندا، ئىسسىق قانلار مەۋج ئۇرىدۇ.

  38 يىل بۇرۇن، جۇڭگو ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسى تۇنجى قېتىم ئاسىيادىن بۆسۈپ چىقتى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونى مۇكاپات سەھنىسىگە چىقتى، «ئىتتىپاقلىشايلى، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرەيلى» دېگەن شوئار ھاياتىي كۈچكە تولغان مەكتەپ قورۇلىرىدىن پۈتكۈل جۇڭگو زېمىنىغا تارالدى.

  ۋەتەننى سۆيۈش خۇددى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان مەشئەلدەك، بىزنى ۋەتەن زېمىنى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغاندا قوزغىلىپ چەتنىڭ ھاقارىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا، ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى ئىچىدە مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش خۇددى باشتىن - ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بايراققا ئوخشاش، بىزنى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى نەچچە ئون يىلدا تاماملاپ، ئالەمشۇمۇل دۇنياۋى مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان كۈرەش داستانىنى يېزىپ چىقىشقا يېتەكلىدى.

  دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان ئارزۇ بولۇپ، بىزنى پىرىنسىپ ۋە تۆۋەن چەك ئالدىدا سالاھىيىتىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىققا، بېسىم ۋە قارشىلىق كۈچى ئالدىدا ھەرگىز چېكىنمەسلىككە چاقىردى.

  ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن.

  ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، ئاندىن قۇدرەت تېپىشقىچە خەلق مۆجىزە ياراتقۇچى، تارىخنى پۈتكۈچى بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ دۆلەتنى قەد كۆتۈرگۈزگۈچى ھەقىقىي قەھرىمان!

  دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش سەپىرىگە ئاتلانغان ھەربىر كىشى ۋەتەنگە يۈز كېلەلەيدىغان «سەمىمىي قەھرىمان»، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشىدىغان باش قەھرىمان.

   جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇشتەك ئىتتىپاقلىق كۈچى خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى پولات ئىستىھكام

  باش ياز پەسلىدە، ۋېنچۇەن ناھىيەسى ميەنسى بازىرىدىكى شىنرۇي چوڭ گىلاس تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۆلچەملەشكەن مېۋىلىك بېغىدا، ئالدىراش مېۋە ئۈزۈلۈۋاتاتتى. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ۋە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 27 مىڭ مو يەردىكى تاتلىق گىلاسنى 24 سائەت ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەرگە ساتقىلى بولىدۇ.

  ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرساق، 2008- يىلى 5- ئايدا بۇ يەردە پەۋقۇلئاددە ئېغىر يەر تەۋرەپ، ھەممە يەر خارابىلىككە ئايلانغانىدى.

  قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر كېچىلەپ تېز ياردەمگە كەلدى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئالدىدا ماڭدى، مەبلەغ تۈرى سىياسىتى ئالاھىدە قوللىدى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مېھىر - شەپقەت ياردىمى ئۈزۈلۈپ قالمىدى... بۇ جاي بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىدىغان تەسىرلىك كۆرۈنۈشكە گۇۋاھ بولدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يەر - جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان ئىتتىپاقلىق كۈچىنى ئەستە چىڭ ساقلىۋالدى.

  ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشنىڭ نېمىلىكىنى جۇڭگو خەلقىدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىدىغان ھېچكىم بولمىسا كېرەك.

  كۈچلۈك دۆلەتلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ھەممە يەرنى ئاھۇزار قاپلىغاندا... بىز قەتئىي تىز پۈكمەستىن «قوزغال! قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار! گۆش ھەم قېنىمىز بىلەن مەھكەم ئىستىھكام قۇرايلى» دېگەن ناخشىنى ياڭراتقانىدۇق.

  كەلكۈن بېسىپ كەلگەندە، سارسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا... كۆزلىرىمىز ياشقا تولسىمۇ، چېھرىمىزدىكى كۈلكىنى يوقاتمىغان، يول بويى بوران - چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ، مۈشكۈللەردىن ھالقىپ ئۆتكەنىدۇق.

  بۈگۈنكى جۇڭگو ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئارقا - ئارقىدىن مۆجىزىلەرنى ياراتتى، بۇ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ باشتىن - ئاخىر بىللە ئويلاپ، بىللە ئىشلىشىگە تايانغانلىقتىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قېرىنداشلاردەك ئۆتۈپ ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇشىغا تايانغانلىقتىن بولدى.

  ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. جۇڭگو ئارزۇسى زاۋۇت، كارخانىلارنىڭ سېخلىرىغا، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ تەجرىبىخانىلىرىغا، «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى» ئاققۇزغان ئىسسىق تەرلەرگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش سادالىرىغا مۇجەسسەملەنگەن...

  بۈگۈنكى جۇڭگودا 900 مىليونغا يېقىن ئەمگەكچى، ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان ياكى كەسپىي ماھارەتنى قوبۇل قىلغان 170 مىليون ئىختىساسلىق، 100 مىليوندىن كۆپرەك بازار سۇبيېكتى، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئوتتۇرا كىرىملىكلەر توپى بار، بۇ، ھەم ئاساسى پۇختا «دۇنيا زاۋۇتى»، ھەم سودا پۇرسىتى چەكسىز «دۇنيا بازىرى».

  ئامېرىكا - جۇڭگو سودا كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ %90ى جۇڭگونى ئەڭ مۇھىم بازار دەپ قارىغان، ئامېرىكا مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ %95ى جۇڭگودىكى سېلىنمىسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ياكى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ياپونىيە سودىنى گۈللەندۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ تاشقى ئېكسپورت، مەبلەغ سېلىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىستراتېگىيەسىنىڭ ھەممىسىدە جۇڭگو بازىرى 1- ئورۇندا تۇرغان...

   جۇڭگو خەلقىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان كۈرەش قىلىش قىياپىتى بىزنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزدىكى ئىشەنچ كاپالىتىمىز

  2019- يىلى 5- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى ئىككى نامرات ناھىيە يەنچۇەن، يىچۇەننىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا ئەگىشىپ، يەنئەن مۇتلەق نامراتلىق بىلەن خوشلاشتى.

  ئامېرىكىلىق مۇخبىر ئېدگارد سىنو «غەربكە سەپەر خاتىرىسى»دە ئىلگىرى بۇ يەرنى «مەن جۇڭگودا كۆرگەن ئەڭ نامرات رايونلارنىڭ بىرى» دەپ تەسۋىرلىگەنىدى.

  «ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ كىيىم - كېچەك، ئوزۇق - تۈلۈكنى تەل قىلىش» ــــ يەنئەندىكى چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتى خاتىرە مۇنارىغا يېزىلغان بۇ سەككىز چوڭ خەت توختىماي ئالغا باسىدىغان جۇڭخۇا مىللىتى روھىنى شەرھلىدى.

  جياڭشى گەنجوۋدىكى يۈدۇ دەرياسى بويى. 85 يىل ئىلگىرى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە بۇ يەردە ئون مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان؛ بۈگۈنكى كۈندە، مول سىرەك توپا بايلىقى مۇجەسسەملەنگەن بۇ قىزىل زېمىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  «ئون نەچچە يىلدىن ئارتۇق ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بىز يېڭى بىر ئەۋلاد ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تىپىدىكى تېخنىكىنى قوللاندۇق، سىرەك توپا مەڭگۈلۈك ماگنىت ماتېرىيالىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 7000 توننىدىن ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بىز يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش ساھەسىدىكى يادرولۇق ئەمەلىي قوللىنىشچان ماتېرىيالنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەمىنات سودىگىرىگە ئايلاندۇق» دېدى جياڭشى جىنلى مەڭگۈلۈك ماگنىت پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى.

  «جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بىرىنچىدىن، ئوغرىلاپ كېلىنمىگەن، ئىككىنچىدىن، بۇلاپ كېلىنمىگەن، ئۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى» دېدى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قوغداش - ماسلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جاڭ جىچېڭ.

  «شەرق قىزاردى»نىڭ دۇنيادا جانلىنىشىدىن تارتىپ «موزى» ناملىق كىۋانت ئىلمى تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇشىغىچە، «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىزىنىڭ ئۇچقاندەك يۈرۈشىدىن C919 تىپلىق چوڭ ئايروپىلاننىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلىشىغىچە، بېيدوۋ سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىشى، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»نىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن «چاڭئې 4- نومۇر»لۇق ئاينى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ دۇنياغا ئاي شارى ئارقا يۈزىنىڭ تەسۋىر سۈرىتىنى تۇنجى قېتىم ئەۋەتىشىگىچە... جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پەن - تېخنىكا تەرەققىيات تارىخى دەل تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ توختىماي ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت كۈرەش قىلىش تارىخىدۇر.

  تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىش، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىش. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا تاۋلىنىپ تۈپتىن ئۆزگەرگەن جۇڭگودا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ يۇقىرى ئۆرلىگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئۈزۈلمەي بارلىققا كەلدى.

  چوڭ تىپتىكى پولات - تۆمۈر كارخانىسى جىڭيې گۇرۇھىنىڭ قارىمىقىدىكى زېڭسەي ياسىمىچىلىق پەن - تېخنىكا شىركىتىگە كىرگەندە ئەنئەنىۋى پولات زاۋۇتىدا دائىم ئۇچراتقىلى بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولمايتتى، شۇنچە چوڭ سېختا پەقەت بىر نەچچىلا خىزمەتچى خادىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن مەشغۇلات قىلىپ، مىكرو مېتال ئۇۋىقى ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى.

  «ئىككى كىلوگىرام ئۇۋاقنىڭ قىممىتى بىر توننا پولاتقا تەڭ كېلىدۇ.» جىڭيې گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركەت خەلقئارادىكى ئىلغار مىكرو مېتال ئۇۋىقى يۈرۈشلۈك جابدۇق ياسىمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، لازېر نۇرى ئارقىلىق قايتا ياساش، 3Dلىق بېسىپ چىقىرىش مەھسۇلاتى قاتارلىق كۆپ لىنىيەلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇردى.

  جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىدە شەكىللەنگەن «مەجبۇرلاش» بېسىمى ئاستىدا، جۇڭگو كارخانىلىرى خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىچكى ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، يادرولۇق تېخنىكا ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مەزگىلىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا - سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار 64 مىليارد دوللارلىقتىن ئارتۇق تۈر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. «دۇنيا زاۋۇتى» پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى، «جۇڭگو ئەقلىي ياسىمىچىلىقى» دۇنياغا يۈزلەندى.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئاناستاسىيا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرى تەدرىجىي شۇ جايلاردا بازار تاپتى.

  ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى قوغداش ئىشەنچى يۈكسەك بىردەك، ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، خەلققە زىچ تايانساقلا، ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەرنى يېڭەلەيمىز، ھەرقانداق ئۇلۇغۋار ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ