تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يەلكەننى ئېگىز چىقىرىپ چەكسىز دېڭىزدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش

ــــ «بۈگۈنكى جۇڭگو» توغرىسىدا چاتما مۇلاھىزە (5)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يۈ جياشىن، شېن چېڭ، خې شىنرۇڭ

  جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپ، سودا قورۇقچىلىقى تەتۈر ئېقىنى قاينىمى كۆتۈرۈلگەن پەيتتە، جۇڭگونى قارىلايدىغان بىر قىسىم كونا مۇقام قايتا باش كۆتۈردى.

  ئومۇمىي ۋەزىيەتنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

  بېسىم ۋە خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىليونلىغان جۇڭگو خەلقى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلىدى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، ئىسلاھات قەدىمىنى تېخىمۇ مەزمۇت بېسىپ، ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنى بارغانسېرى چوڭ ئاچتى.

  بۈگۈنكى جۇڭگو، بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىناقلىرىدا توختىماي ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش جەريانىدا يېڭى ۋەزىيەت ئاچتى.

  دولقۇن يېرىش

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى زورايتىش

  «بىز ئەزەلدىن جۇڭگودىن ئايرىلىشنى ئويلاپ باقمىدۇق، مەيلى بازار ئېچىش ياكى زاۋۇت قۇرۇشتا بولسۇن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى بىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىمىزدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.»

  ئامېرىكا تاۋشى خىمىيە شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جىم فوئېنىكسنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان بۇ سۆزى جۇڭگودىكى نۇرغۇن چەت ئەل كارخانىسىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

  ھەقىقەتەن شۇنداق، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى كەڭ كۆلەمدە چېكىنىپ چىقىپ كەتمەيلا قالماي، ئەكسىچە يەنە سېلىنما سالمىقىنى زورايتتى.

  تېسلا كېلىپ زاۋۇت قۇردى، باۋما كېلىپ سېلىنمىنى كۆپەيتتى، تۇنجى شېرىك بانكا كارتىسى راسچوت ئاپپاراتى ماكانلاشتى، تۇنجى چەت ئەل مەبلىغى پاي كونترول ئاكسىيە شىركىتى ماكانلاشتى... جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى بەس - بەستە «پۇتى بىلەن بېلەت تاشلاپ» تاللىدى.

  دەل جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسى ئۆسكەن پەيتتە، ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار قايتا يامان غەرەزلىك سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقتى: چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى سۈركىلىشنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى تۈپەيلىدىن جۇڭگودىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگودىكى چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن...

  بۇنداق سەپسەتىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈلۈشى ئەمەس، شۇنداقلا يەنە بىر قېتىم پاكىت تەرىپىدىن شاپىلاق يېدى ــــ

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، جۇڭگو ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ 305 مىليارد 240 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشقان، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.3 ئاشقان. ھالبۇكى، «ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگودا ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب»تا كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %98 ئامېرىكا كارخانىسى داۋاملىق جۇڭگو بازىرىنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  دەل بىر دۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ مەسئۇلى ئېيتقاندەك، چەت ئەل سودىگەرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېچىۋېتىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن جۇڭگونىڭ ئۆزىلا ئەڭ چوڭ جەلپ قىلىش كۈچىدۇر.

  مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو باشقىچە خىياللاردا بولماي، پۇختا بولۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ھالىتى بىلەن يېڭى تاڭ قۇياشىنى كۈتۈۋالدى.

  بۇ ئېچىۋېتىشنىڭ مول ھوسۇلى ــــ

  بۇلتۇر، يەر شارىۋى سېلىنما ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىدى، ھالبۇكى جۇڭگو قوبۇل قىلغان تاشقى مەبلەغ ۋەزىيەتكە قارشى %3 ئېشىپ، بىر يارقىن رەڭگە ئايلاندى؛ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 30 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىخىي يېڭى پەللە ياراتتى؛ 90 تىرىليون يۈەنلىك GDP ئۆتكىلى بۆسۈپ ئۆتۈلدى...

  قورۇقچىلىقنىڭ تەتۈر شامىلىدا، قانداق نەرسە جۇڭگونىڭ قانچە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە باتۇر بولۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى؟ جاۋاب شۇكى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش.

  بۈگۈنكى جۇڭگودا، ئىسلاھات قەدىمى تېخىمۇ مەزمۇت بولدى: يېڭى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى يولغا قويۇلۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى تۆۋەنلىتىلدى، قوشۇلما قىممەت باج نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلدى؛ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتى يەنىمۇ تېزلىتىلدى؛ مائارىپ ئىسلاھاتى، كۈتۈنۈش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، داۋالاش ئىسلاھاتى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلدى...

  بۈگۈنكى جۇڭگودا، ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلدى: بۇلتۇر نەچچە قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاموژنا بېجى %7.5كە تۆۋەنلىتىلدى؛ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرى قىسقارتىلدى؛ جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئالغا سىلجىتىلدى؛ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، كەلگۈسىدە ئىمپورتنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە ۋەدە بېرىلدى؛ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى...

  يۈز يىلدا كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قەتئىي ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ زور ئەقىل - پاراسەت ۋە جاسارەت بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئاتلاندۇق.

  جاپا تارتماي مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ.

  تارىخقا قايتا نەزەر سالساق، ئىلگىرىكى بىرىنچىدىن كەمبەغەل، ئىككىنچىدىن قالاق ھالەتتىن، بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. سۇدا قېقىلىپ كەتكەن، بوران - چاپقۇنغا ئۇچرىغان جۇڭگو ئاخىر چوڭ دېڭىزدا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەندى، كۆپ قېتىملىق «بېسىم كۈچىنى سىناش» داۋامىدا ئۈزلۈكسىز زورىيىپ كۈچەيدى.

  بۈگۈنگە نەزەر سالساق، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا شۇ قەدەر يېقىنلاشتۇق، بىز تېخىمۇ چىڭ ئاساس ۋە ئىشەنچكە ئىگە بولۇپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز.

  بوران - چاپقۇندىن قورقماسلىق

  ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەش

  5- ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى بىر ھەپتىنى كۆزنەك قىلىپ كۆزەتسەك، نۆۋەتتىكى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ −

  5- ئاينىڭ 21- كۈنى، خۇبېي − ئاۋمېن − پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلۈپ، خۇبېي ئۆلكىسىدىكى 90 كارخانىنىڭ مەسئۇلى بىلەن پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرىنىڭ تۇرۇشقا ئەۋەتكەن ۋەكىللىرى ئۇدۇللاشتۇرۇلدى؛

  5- ئاينىڭ 23- كۈنى، جۇڭگو جىلىن − ئەنگلىيە ئىقتىساد سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى كېڭەيتىلدى؛

  5- ئاينىڭ 24- كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا سېلىنما - سودا كۆرگەزمىسى باشلىنىپ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى 400دىن ئارتۇق ئاپپارات ۋە كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى؛

  5- ئاينىڭ 28- كۈنى، 2019- يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلىتىمىز بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغان سەككىز ئۈلۈشكە يېقىن دۆلەت كۆرگەزمىگە قاتناشتى، يەرمەنكىگە قاتناشتى.

  ...

  ۋاقىت تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ، قىشتىن كېيىن يەنە باھار كېلىدۇ. بۇ ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە تەدبىرلەر جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ يەنىمۇ چوڭ ئېچىلىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىل - ئىسپاتى.

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات بوشلۇقى كېڭەيتىلدى، ئۇزارتىلدى ــــ

  شەرقتە چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولى ئارقىلىق دېڭىزغا چىققىلى بولىدۇ؛ غەربتە جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بىۋاسىتە ياۋروپاغا قاتنايدۇ؛ جەنۇبتا «قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى» سىنگاپور قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تۇتىشىدۇ؛ شىمالدا «چۇڭچىڭ - مەنجوۋلى - رۇسىيە» نۆۋەتچى پويىزى رۇسىيەگە بىۋاسىتە قاتنايدۇ ... ئېچىۋېتىشنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، بۇ يىل 1- پەسىلدە، چۇڭچىڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.9 ئاشتى.

  پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، كورېيە، رۇسىيە قاتارلىقلارغا قىلغان ئېكسپورتى ئايرىم - ئايرىم %14.2، %13.4، %7.7 ۋە %9.1 ئاشتى، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا ئورۇنلاشتۇرمىسى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتتىكى تۈرتكىلىك رولى بارغانسېرى روشەن بولدى.

  چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى، گۇاڭدۇڭ − شياڭگاڭ − ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى تولۇق جابدۇنۇپ يولغا چىقىشقا ھازىرلاندى، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش، ئوتتۇرا قىسىمنى قەد كۆتۈرگۈزۈش تەرتىپ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى... كەڭ كۆلەملىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىلگىرىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ مەركىزىي رايونى بۈگۈنكى كۈندە ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ قالدى.

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز ئالماشتۇرۇش باشلاندى ــــ

  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، شوپۇرسىز ھەيدەش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۆلەكلەر زەنجىرى... يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكىلار كەينى - كەينىدىن بارلىققا كەلدى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېڭى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جانلىق مەنزىرە ئاستا - ئاستا نامايان بولۇشقا باشلىدى.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تەتقىقات ۋە سىناق تەرەققىيات خىراجىتى 2 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، سېلىنما سىجىللىقى %2.18 بولۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىدا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى نامايان بولدى» دېدى بوستۇن مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ يەر شارىۋى رەئىسى خانسپول بوكنا.

  يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە، دۆلەت ئارقا - ئارقىدىن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، جەزمەن مىليونلىغان بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ.

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئەۋج ئالدۇرۇلدى ــــ

  ئالما شىركىتى بۈيۈك جۇڭخۇا رايونى باش ئىشتابى تەسىس قىلدى، سەنلىڭ سودا ئىشلىرى خىمىيەلىك بۇيۇملار كەسپى ئاسىيا رايونى باش ئىشتابى تەسىس قىلدى، نايك شىركىتى رەقەملىك ئىشخانا تەسىس قىلدى... 5- ئايدىكى شاڭخەيدە، پۈتۈن يەر شارى بويىچە دۆلەت ھالقىغان 27 داڭلىق كارخانا جەم بولغان بىر مەيدان گۇۋاھنامە تارقىتىش مۇراسىمى تاشقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇھىم ئامىل بايلىقىنى تەقسىملەش ئىقتىدارى، ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلغان تىجارەت - سودا مۇھىتى، سىجىل قويۇپ بېرىلگەن تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى ... ئىسلاھاتنى «چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ «سۈپىتى»نى ئۆستۈرۈش شاڭخەينىڭلا ئەمەس، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭمۇ ئىچكى - تاشقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىدىكى «مەخپىي ئاچقۇچ»تۇر.

  بۇ يىلدىن بۇيان، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى؛ دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، يەر تۈزۈمى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتى تېزلىتىلدى؛ كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسى كۈچەپ ئۆستۈرۈلۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى راۋانلاشتۇرۇلدى...

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى بىر قاتار زور تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئېلاستىكلىقىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، ئۇنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» ۋە «ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى»گە ئايلاندۇردى.

  يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلىش

  ئېقىنلارنى قوشۇپ، دەريا - دېڭىز ھاسىل قىلىش

  چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن دۇڭخەي دېڭىزى ئۇچراشقان جايدىكى شاڭخەي پورت رايونىدا تېسلا «دەرىجىدىن تاشقىرى زاۋۇت»ى قىزغىن كەيپىياتتا قۇرۇلۇۋاتىدۇ. 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا، تېسلا مەخسۇس مەيدان ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش يىغىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.

  جۇڭگو ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ چەت ئەل مەبلىغى پاي نىسبىتى چەكلىمىسىنى كەڭ قويۇۋەتكەندىن كېيىنكى تۇنجى چەت ئەل سودىگەرلىرى مۇستەقىل مەبلەغ سالغان ئاپتوموبىل كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېلىشىم ئىمزالاش، يەر ئېلىشتىن ئىش باشلىغىچە، تېسلا يېرىم يىللا ۋاقىت سەرپ قىلدى. تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ماسك ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ!»

  سۈرئىتى تېزلىتىلگىنى جۇڭگونىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش قەدىمى.

  تېخىمۇ كەڭ ساھەدە چەت ئەل مەبلىغى بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىش، تېخىمۇ زور سالماقتا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئىمپورتىنى ئاشۇرۇش، خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش...

  ۋەدە ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە، جۇڭگو بىر قاتار «ئۈنۈمدارلىقى» تېخىمۇ يۇقىرى ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يۈكسەك جاسارىتى ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  «ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىش جۇڭگونىڭ ئۆز رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، كۆپ تەرەپلىك سودا ۋە سېلىنما سىستېمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەشكىمۇ تۆھپە قوشىدۇ.» خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى گونزالېس مۇشۇنداق باھا بەردى.

  بۇ، جۇڭگونىڭ دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، خىرىسقا يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشتىكى قەتئىي تاللىشى ــــ

  چەت ئەل مەبلىغى بازىرى ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، «ئېغىر دەرىجىلىك ماھىر»نى كىرگۈزۈش خۇددى ئامۇرسوم بېلىقى ئېففېكتىگە ئوخشايدۇ، تېخىمۇ كەسكىن بازار رىقابىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشكە مەجبۇرلايدۇ.

  «بۆرە بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشۈش» داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ زورىيىشتا، ئاپتوموبىل ساھەسى بىر تىپىك مىسال: 2001- يىلى ئەمدىلا «دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن»دە، جۇڭگودا بىر يىلدا ئاران بىرنەچچە خىللا يېڭى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلاتتى، بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن يەر شارىدىكى ھەر ئۈچ ئاپتوموبىلنىڭ بىرى جۇڭگودا ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ جاي ئەڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە، تولۇق بازارلاشقان پۈتۈن يەر شارى بويىچە بىرىنچى چوڭ ئاپتوموبىل بازىرى بولۇپ يېتىلدى.

  سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەندە، دائىم يېڭى ھاياتلىقنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  «قانچە كىرىزىس كۆرۈلگەنسېرى، تېخىمۇ زور بۇرۇلۇش بولۇشى مۇمكىن، تاشقى مۇھىت ياخشى بولمىغاندا، پەقەت قارنى - كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ، دادىل تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەندىلا، ئەكسىچە يېڭى زېمىننى تېخىمۇ ئاسان ياراتقىلى بولىدۇ.» بۇنداق سادا تېخىمۇ كۆپ تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  بۇ، جۇڭگونىڭ دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ، پۈتۈن يەر شارى بىلەن تېخىمۇ چوڭ پۇرسەتتىن ھەمبەھرىلىنىشتىكى چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيىتى ـــــ

  «جۇڭگو چوڭ بازار، بىز چوڭ بازارنى ياخشى كۆرىمىز»... يېقىندا بىر خەلقئارا يىغىندا، داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى ۋاررېن باففېت جۇڭگو بازىرىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلىدى ھەم تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلدى.

  1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن ئاھالىگە ئىگە چوڭ بازار دۇنيادا كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىغا ئىگە بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىڭ دوللاردىن ئېشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىشىۋاتىدۇ، كەلگۈسى ئون نەچچە يىلدا جۇڭگو تەخمىنەن 24 تىرىليون دوللارلىق تاۋارنى ئىمپورت قىلىدۇ...

  2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىگىچە، يەنە ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغىچە، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى سۇپا بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش گۈزەل ئارزۇسى بۇ باھاردا راسا قاناتلاندى.

  «شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو دۇنيا بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان ۋە گۈللەنگەن جۇڭگو ۋە دۇنيانى ئېلىپ كېلىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە قىلغان سۆزى ناھايىتى جاراڭلىق بولدى.

  دېڭىزدا دولقۇن ئېگىز كۆتۈرۈلدى، يەلكەن چىقىرىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت كەلدى.

  تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەلكەن قىلىپ، «جۇڭگو» ناملىق غايەت زور پاراخوت جەزمەن پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىپ، دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ قالتىس تەرەققىيات مۆجىزىسىنى يارىتىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ