تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.

  «جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىش، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.» «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى ئىدىيەدە يەنە بىر قېتىم يۈكسىلىپ، روھىي جەھەتتە بىر قېتىم تاۋلىنىپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قىممەت ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتەك روھىي پەزىلەتنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

  ھەممە ئالدىغا قاراپ ماڭسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ 70- يىلى، مۇشۇ پەيتتە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئالغا سىلجىتىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  98 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، بۇ بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىز ۋە ئىپتىخارلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، بىز دۇچ كەلگەن ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل، مۇرەككەپ، زىممىمىزگە ئالغان تارىخىي بۇرچ شەرەپلىك ھەم مۈشكۈل. مەيلى قانداق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ئارزۇغا ئىنتىلىش قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. بۈگۈن، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، تۈپ ۋەزىپە − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم بولۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش نىشانىغا يېتىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيەۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىستىلنى ياخشىلاشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئۆگىنىش تەربىيەسىنى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى، مەسىلىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىشنى، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش»نى قايتا - قايتا تەكىتلىدى. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ۋاقتى قىسقا، ۋەزىپىسى ئېغىر، تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماق، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، پارتىيەنى نەزەرىيە جەھەتتىن قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى نۇقتىئىنەزەر ۋە ئاممىۋى لۇشيەننى ئىدىيەدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەرىكەتتە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك؛ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

  «ئاسمان - پەلەك دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ، ئەزىم دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ.» ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، داۋاملىق تاغقا يولۇققاندا يول ئاچىدىغان، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سالىدىغان ئېچىش روھى بىلەن ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزسا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەڭگۈ ياش تۇرۇپ، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلىيالايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش غايەت زور پاراخوتى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شانلىق قىرغاققا غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىيەلەيدۇ!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ