تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەجەبا تامغا ئۈسمىگىچە ئارقىغا يانمامدۇ

− ئۆز بېشىمچىلىق قىلسا جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ

جۇڭ شېڭ

  «بىر مەيدان ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىدىن دۇنيا مەسئۇلىيەتچان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان جۇڭگو بىلەن ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان ئامېرىكىنى كۆرۈپ يەتتى.» مىسىر «ئەلئېھرام گېزىتى»نىڭ نوپۇزلۇق مۇخبىرى سەمى كامھاۋېينىڭ بۇ سۆزى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ ئىككى كۆزىنى توسۇۋالدى، ئۇلار ھە دېگەندە سودا قورۇقچىلىقى، بىر تەرەپچىللىك قىلىپ، تاموژنا بېجى كالتىكىنى خالىغانچە ئوينىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئەسلا پەرۋا قىلمىدى. ئۇلار سودا تەتۈر بالانسى ئامېرىكىغا قىلىنغان «ئىقتىسادىي بۇلاڭچىلىق» دەپ جار سېلىپ، نۇرغۇن دۆلەت بىلەن قايتا - قايتا سودا تالاش - تارتىشى قوزغىدى؛ ئۇلار «باشقا دۆلەتلەرنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئامېرىكىغا زىيان يەتكۈزىدۇ» دېگەن سەپسەتىنى توۋلاپ، ئارقا - ئارقىدىن دۆلەت كۈچىنى ئىشلىتىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كارخانىلىرىنى باستى، ھەتتا ئىتتىپاقداشلىرىنى «ئۆمەك تەشكىللەپ» قورشاشقا مەجبۇرلاشتىن يانمىدى؛ ئۇلار خەلقئارا سودا قائىدىسى «ئامېرىكىنى زىيانغا ئۇچراتتى» دەپ جار سېلىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بۇنداق يولسىزلىق قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان، تەلۋىلىك قىلىدىغان قىلمىش باشقا دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق تەرەققىيات ھوقۇقىنى باسقانلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە خەلقئارا قائىدىنى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر.

  بۈگۈنكى دۇنيا ئىقتىساد يەر شارىۋىلاشقان، دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىپ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى كۈنسېرى يۇغۇرۇلغان، تەقدىرداش بولغان دۇنيا. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ تارىخىي ئېقىمنى نەزەرىگە ئالماسلىقى، قارشى ئاۋازنى نەزەرىگە ئالماسلىقى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، پەقەت خالىغانچە قائىدە تۈزىدىغان «پۇشتەكچى» بولغۇسى بارلىقىنى، قائىدىگە رىئايە قىلىدىغان «تەنھەرىكەتچى» بولغۇسى يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ، خالاس؛ پەقەت يالغۇز ئۆزىنىڭ يېڭىشىنى ئويلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، خالاس. شۇنىڭ بىلەن، «ئامېرىكىنى قايتا تۆرگە چىقىرىش» ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنىڭ ئۈستىگە قويۇشىنىڭ «يوللۇق باھانە»سىگە ئايلاندى، «سودا نۆل يىغىندىسى» خەلقئارا قائىدە ۋە خەلقئارا مېخانىزمغا قارىتا «مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىدىغان، مۇۋاپىق كەلمىسە چېكىنىدىغان، مۇۋاپىق كەلمىسە بۇزۇپ تاشلايدىغان» دەبدەبىلىك باھانىگە ئايلاندى. بۇنداق ئۆكتەملىك قىلسا ئادالەتتىن يەنە قانداق سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىمۇ، بۇنداق ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش ھەر ساھەدىكى بىلىملىك زاتلارنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشى ۋە قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا برۇكىنس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى روبېرت كاگان تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئازراق شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى سىقىپ قۇرۇتۇۋەتتى، 70 نەچچە يىلدىن بۇيانقى خەلقئارا تەرتىپنى تېزلا بەربات قىلىپ، خەلقئارا قالايمىقانچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىشەنچ ۋە ئورتاق بۇرچ تۇيغۇسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. يېقىندا، ئادىداس، نايك، پۇما ۋە ئامېرىكىنىڭ 170تىن ئارتۇق ئاياغچىلىق كارخانىسى بىلەن پارچە سېتىش سودىگىرى بىرلىشىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ئامېرىكىغا چىقارغان ئاياغ تۈرىدىكى مەھسۇلاتلاردىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشى ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى، ئاياغچىلىق كارخانىلىرى ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى بۇ سىياسەتۋازلار «سودا ئەسقاتىدۇ، بىراق تاموژنا بېجى ئەسقاتمايدۇ» دېگەن سادالارنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەسلا پەرۋا قىلماي، ئامېرىكا دېھقانلىرىنىڭ ئىلاجىسىز ھالدا بىز «مۈشكۈل ئىقتىسادىي پەيت»لەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، دېگىنىگە ئەسلا پەرۋا قىلماي، يەنىلا خالىغانچە ئىش قىلىۋاتىدۇ، ھوشىنى تاپمايۋاتىدۇ.

  ھەمىشە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قالايمىقان ئىش قىلىش ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى ۋە خەلقئارادىكى ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزگەنلىك، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق چوڭ مۇھىتىغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىق، بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق. ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى توسىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەسمىي يوسۇندا: «سودا كېرەك، ئۇرۇش كېرەك ئەمەس» دەپ ئۇقتۇردى. ئامېرىكىدىكى ئاشۇ سىياسەتۋازلار شۇنى ئويلاپ كۆرۈشى كېرەكمۇ قانداق، نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېيغا قاراتقان چەكلەش بۇيرۇقى چىقىشى بىلەنلا، نۇرغۇن ياۋروپا دۆلىتى رەھبىرى خۇاۋېينى قامال قىلىشتا ئازراقمۇ ئالدىن كۆرەرلىك يوق، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئامېرىكىنى دوراشنى ئويلاشمىدى، دەپ ئېنىق بىلدۈرىدۇ؟ يوللۇقلار ياردەمگە ئېرىشىدۇ، يولسىزلار يېتىم قالىدۇ. قورۇقچىلىق ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش چوڭ دولقۇنىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى جەزمەن كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ؛ بىر تەرەپچىللىك ئارقىلىق دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش زور يۈزلىنىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى جەزمەن بىھۇدە ئاۋارىگەرچىلىك. ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى»دىكى ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگونى يەر شارىۋى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش تىرىشچانلىقى ئاخىرىدا ئامېرىكىنى يېتىم قالدۇرىدۇ، خالاس.

  2000 نەچچە يىل ئىلگىرىلا، جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەدىب خۇەن كۇەن مۇنداق ئاگاھلاندۇرغان: «باشقىلارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ كۆزى كور، قۇلىقى گاس بولۇپ قالىدۇ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلغانلار يېتىم قالىدۇ.» پىكىرگە قۇلاق سېلىشنى بىلىش بىر خىل گۈزەل ئەخلاق، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل ئەقىل - پاراسەت. بىز ئامېرىكىدىكى ئاشۇ سىياسەتۋازلارنى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەنقىدى، ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سېلىپ، بالدۇرراق ئويغىنىپ، ئازغان يولدىن قايتىشقا، خاتا يولدا ئاخىرغىچە مېڭىپ، تامغا ئۈسمىگىچە ئارقىغا يانمايدىغان ئىشنى قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ