5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن سۈرەتكە تارتىلغان بالىديەن بازىرى لۇسۈن قەدىمىي كەنتى.
جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى ۋۇشىڭ رايونى بالىديەن بازىرىنىڭ لۇسۈن قەدىمىي كەنتى خۇجوۋنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە سۇ ماكانى قەدىمى كەنتى، 2018-يىلىدىن باشلاپ، لۇسۈندە «قەدىمىي كەنت قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلۇپ، قوغداش خاراكتېرلىك رېمونت قىلىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك ساياھىتى بىلەن مەدەنىيەت ساياھىتى يۇغۇرۇلغان خاس يېزا-كەنت ساياھەت ئورنى بەرپا قىلىنىپ، مىڭ يىللىق قەدىمىي كەنتنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.
لۇسۈن قەدىمىي كەنتىدىكى چيەنشەنفېڭ خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان قالدۇق يىپەك پارچىسى ۋە يىپەك توقۇلما بۇيۇملار دۆلىتىمىز ۋە دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى يىپەك توقۇلما بۇيۇملار بولۇپ، ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق جۇڭگونىڭ دۇنيا يىپەك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان، شۇڭلاشقا «دۇنيا يىپەك مەنبەسى» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى
5-ئاينىڭ 29-كۈنى، لۇسۈن كەنتى ئاھالىلىرى شال پاخىلىدىن غوزەك يىغماقتا، شۇ يەردىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى يەنىلا پىلە قۇرتى بېقىش ئادىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
5-ئاينىڭ 29-كۈنى، لۇسۈندىكى كەشتىخانىدا كەشتە ھەۋەسكارلىرى كەشتىچىلىك پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.
5-ئاينىڭ 29-كۈنى، لۇسۈن كەنتى ئاھالىلىرى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاق تۆشۈكلۈك تاش كۆۋرۈك __«چىفېڭ كۆۋرۈكى» دىن ئۆتمەكتە.
5-ئاينىڭ 29-كۈنى، لۇسۈن كەنتى ئاھالىلىرى كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرغان پائالىيەت ئۆيى __«مىكرو كىتابخانا» دا كىتاب كۆرۈپ ئارام ئالماقتا.
5-ئاينىڭ 29-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى لۇسۈندا چيەنشەنياڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
5-ئاينىڭ 29-كۈنى، خۇجوۋ شەھىرى ۋۇشىڭ رايونلۇق 1-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە ئەنئەنىۋى رەخت توقۇش ماشىنىسى مەشغۇلاتىنى ھېس قىلماقتا. شۇ جاي «يىپەك مەنبەسى» پىلە، ئۈجمە، يىپەك مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرنىڭ رايون مەدەنىيەت تەربىيەسى دەرسلىكىگە كىرگۈزۈپ، ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.