تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مۇھىت تازىلىقى ئالاھىدە ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ ئۆزگىچە مەشغۇلات ماھارەتلىرى

قار تازىلاش ئاپتوموبىلى ئورۇن بەلگىلەش مۇسابىقىسىدە، رېپىر پۇشتەك چالغاندىن كېيىن، قار تازىلاش ئاپتوموبىلى بەلگىلەنگەن لىنىيە بويىچە يول يۈزىنى 50 مېتىر تازىلىغاندىن كېيىن، ئۆز ئورنىغا قايتىدۇ، ئاپتوموبىللار كونۇسسىمان توسۇق گىرۋىكى بىلەن 30 سانتىمېتىر ئارىلىق ساقلىشى لازىم.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى، خەۋىرى): تار ئايلانما مۇسابىقە يولىدىن ئۆتۈش، ئەخلەت ساندۇقى، ئەخلەت تۇڭىنى ئېسىپ توشۇش، سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مۇسابىقىسى، قار تازىلاش ئاپتوموبىلىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش مۇسابىقىسى، تازىلاش ئاپتوموبىلىدا تۈز سىزىق بويىچە تازىلاش... 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى خۇاگۇاڭ كوچىسى مۇھىت تازىلىقى توشۇش ئەترىتى قورۇسى ئىچىدە، مۇھىت تازىلىقى ئالاھىدە مەشغۇلات ئاپتوموبىلى ھەيدەيدىغان 200گە يېقىن شوپۇر بۇ يەردە بىر مەيدان مۇھىت تازىلىقى ئالاھىدە ئاپتوموبىلى ھەيدەش «تېخنىكا ئۈلگىسى» بويىچە مەركەزلىك ماھارەت كۆرسەتتى.

چوتكا ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسى نەق مەيدانى.

  شۇ كۈنى، مۇخبىر مۇسابىقە نەق مەيدانىدا، چوتكا ئالماشتۇرۇش، توسالغۇ يوقىتىش، سۇ چېچىش ئاپتوموبىلىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مۇسابىقىسى، قار تازىلاش ئاپتوموبىلىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش مۇسابىقىسى، تازىلاش ماشىنىسىنىڭ تۈز سىزىق بويىچە تازىلاش مۇسابىقىسى، پىرىسلاش ئاپتوموبىلىغا ساندۇق ئېسىش مۇسابىقىسى، چوڭ ئاسما يەلكىگە ساندۇق ئېسىش مۇسابىقىسىنىڭ بۆلەكلەر بويىچە توشۇش ئەترىتىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆردى.

3 توننىلىق پىرىسلاش ئاپتوموبىلىغا ساندۇق ئېسىش مۇسابىقىسىدە، تەقلىدىي تار، ئايلانما كوچا يولى ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا، شوپۇرلار ئېھتىيات بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ، ئەخلەت ساندۇقىنى ئاسقاندىن كېيىن ئۆز ئورنىغا قايتىدۇ.

  قار تازىلاش ئاپتوموبىلىنىڭ مەيدانى قارىماققا چوڭ كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ غايەت زور گەۋدىسى مۇسابىقە مەيدانىغا كىرگەندە، ئىككى تەرەپتە نەچچە 10 سانتىمېتىرلا ئارىلىق قالىدۇ، تازىلاش جەريانىدا يان سىزىقتىن 30 سانتىمېتىر يىراق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئايلانما يولنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، يەنە تۈز سىزىق بويىچە باشلانغان جايغا قايتىدۇ، ھەم قانچىلىك ۋاقىت كەتكەنلىكى سېلىشتۇرۇلىدۇ، يەنە تېخنىكىدا پىششىق بولۇش دەرىجىسى سېلىشتۇرۇلىدۇ.

سۇ چېچىش ئاپتوموبىلىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مۇسابىقىسىدە، تەقلىدىي تار، ئايلانما يولدا شوپۇر ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئاندىن يەنە ئۆز ئورنىغا قايتىدۇ.

  يەنە بىر مۇھىم مۇسابىقە، 3 توننىلىق ۋە 8 توننىلىق پىرىسلاش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش ماھارىتى بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار تەقلىدىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان تار، ئايلانما مۇسابىقە يولىدىن ھەيدەپ ئۆتۈپ، نىشانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئەخلەت ساندۇقىنى ئېسىپ، ئاندىن مۇسابىقە باشلانغان يەرگە قايتىدۇ. مۇسابىقە يولىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، بەزى ماھىرلار ئۇياق-بۇياققا نەچچە قېتىم ماڭغاندىن كېيىنلا ئاندىن ۋەزىپىنى ئورۇندىيالايدۇ.

  8 توننىلىق چوڭ ئاسما يەلكىگە ساندۇق ئېسىش مۇسابىقىسىدە، تەقلىدىي تار، ئايلانما كوچا يوللىرى ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدا، شوپۇرلار ئېھتىيات بىلەن ھەيدەپ بەلگىلەنگەن نۇقتىغا بېرىپ، ئەخلەت ساندۇقىنى ئاسقاندىن كېيىن ئۆز ئورنىغا قايتىدۇ.

  ئاپتوموبىل مۇسابىقە مەيدانىنىڭ بىر تەرىپىدە، نەچچە ئون ئالاھىدە ئاپتوموبىل شوپۇرى بىر يەرگە يىغىلىپ، بىخەتەرلىك بىلىملىرى مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى، مۇسابىقىدە جاۋاب بېرىش مەزمۇنى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى نەق مەيداندا بىرتەرەپ قىلىش، قاتناش چىرىغى قاتناش قائىدىسى بىلىملىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

بىخەتەرلىك بىلىملىرى مۇسابىقە نەق مەيدانىدا، كۆپچىلىك دادىل جاۋاب بەرمەكتە.

  ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جياڭ جيېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىمىگۇ رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن شىمىگۇ رايونلۇق مۇھىت تازىلىقى تازىلاش - توشۇش ئەترىتىنىڭ بۇ قېتىملىق مۇھىت تازىلىقى ئالاھىدە مەشغۇلات ئاپتوموبىلى تېخنىكىسى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىشتىكى مەقسىتى، 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىپ، تازىلاش - توشۇش ئەترىتىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، شۇنداقلا مۇھىت تازىلىقى تېخنىكا ئىشچىلىرىغا ماھارىتىنى كۆرسىتىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ، كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش  ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىكەن. 

سەككىز توننىلىق پىرىسلاش ئاپتوموبىلىغا ساندۇق ئېسىش مۇسابىقىسىدە، رېپىر پۇشتەك چالغاندىن كېيىن، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى A نۇقتىدىن ئاپتوموبىل (ئاپتوموبىلدا بىر ساندۇق بار )نى ھەيدەپ بەلگىلەنگەن يول ئارقىلىق، B نۇقتىغا بېرىپ، ئېسىلغان ساندۇقنى قويۇپ، B نۇقتىغا قويۇلغان ساندۇقنى ئاسقاندىن كېيىن A نۇقتىغا قايتىدۇ، ئاز ۋاقىت سەرپ قىلغىنى يېڭىدۇ.

  مۇھىت تازىلىقى ئالاھىدە ئاپتوموبىل شوپۇرى خۇ پېڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئادەتتە تار كوچىلار ۋە ئولتۇراق رايونلاردا كۆپرەك خىزمەت قىلىمىز، لېكىن مۇسابىقىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىزنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلاتىمىزنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىدىن چوڭ، بۇنداق پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش بىزنىڭ مەشغۇلات ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈشتىكى ياخشى چارە.»

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ