تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

تۇرپان شەھىرى: كۆكتات تېرىلىپ گۈل ئۆستۈرۈلۈپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يېزىسى زېرىپ كارىز كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قورۇسىنىڭ شەرق-غەرب ئىككى تەرىپىدىكى كۆكتاتلىقتا، كەنت ئاھالىلىرى پات-پات قەدىمىنى توختىتىپ تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن رەڭگارەڭ قىزىلگۈللەرنى تاماشا قىلدى. تۈرى ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەر، كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىپ، رېمونت قىلىنغان قىزىل چىتلاق تام كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى.

  «كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەممىلا يەردە يېشىل يوپۇرماق ۋە گۈللەر بار بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىمۇ ھازىر ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بوش يەردىن پايدىلىنىپ كۆكتات تېرىپ گۈل ئۆستۈردى، خىزمەت ئەترىتى قالتىس ئىكەن!» دېدى كەنتتە 20 نەچچە يىل خىزمەت قىلغان كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لېتىپ يۇنۇس.

  2018-يىلىدىن بۇيان، تۇرپان شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتتى. خىزمەت ئەترىتى ئالدى بىلەن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قورۇسىدىن باشلاپ، پارچە-پۇرات يەرلەرنىڭ توپىسىنى ئالماشتۇرۇپ كۆكتات ۋە گۈل-گىياھلارنى تېرىدى؛ ئۇنىڭدىن قالسا «بوش يەر بولسىلا كۆكەرتىپ» كۆچەت تىكتى، خىزمەت ئەترىتى كۈزدە كۆچەت تىكىپ، ئەتىيازدا تولۇقلاپ تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قورۇسىغا جەمئىي 70 نەچچە تۈپ ئۈجمە دەرىخى كۆچىتى تىكتى، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %100كە يەتتى.

  «كەنت ئاھالىلىرى ھەر ھەپتىدە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى كۆپچىلىك كۆرۈپ تۇرىدۇ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش رولى جارى قىلىندى. ھازىر تۆت كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى پائال ھەرىكەتكە كەلدى، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ كۆكەرتىش، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان تۇرۇبا يوللىرىنى بىر تۇتاش ئورنىتىشىغا ياردەم بەردى، ھەممە ئائىلىلەر كۆكتات تېرىپ، گۈل ئۆستۈرۈشكە باشلىدى. ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ھەم تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى، ھەم تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى گۇەن گوجى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ