شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېي خۇا، جاڭ خەن) 6-ئايدىن 7-ئايغىچە فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2019 دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو كوماندىسى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 23 كىشىلىك تىزىملىكنى ئېلان قىلدى، تىزىملىكتە ۋاڭ شۇاڭ بار.
بۇ تىزىملىككە ۋاڭ شۇاڭ، ۋاڭ شەنشەن، ۋۇ خەييەن قاتارلىق داڭلىق ماھىرلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، فىرانسىيە پارىژ ساينت ژېرمان كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان ۋاڭ شۇاڭ يەتتىنچى نومۇرلۇق پۇتبول كىيىمىنى كىيىدۇ.
بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە فىرانسىيەنىڭ توققۇز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو كوماندىسى B گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، گۇرۇپپىدا يەنە گېرمانىيە كوماندىسى، جەنۇبىي ئافرىقا كوماندىسى ۋە ئىسپانىيە كوماندىسى بار، 6-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگو كوماندىسى تۇنجى رىقابەتچىسى گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى ۋە تىرېنېر گۇرۇپپىسى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى فىرانسىيە ئوسېرغا يېتىپ بېرىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇنقى ئىككى ھەپتىلىك ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق تەييارلىقنى ئىشلەيدۇ.
جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ 23 كىشىلىك تىزىملىكى:
1-نومۇر شۈ خۇەن، 2-نومۇر ليۇ شەنشەن، 3-نومۇر لىن يۈپىڭ، 4-نومۇر لوۋ جياخۇي، 5-نومۇر ۋۇ خەييەن، 6-نومۇر خەن پېڭ، 7-نومۇر ۋاڭ شۇاڭ، 8-نومۇر لى جيايۆ، 9-نومۇر ياڭ لى، 10-نومۇر لى يىڭ، 11-نومۇر ۋاڭ شەنشەن، 12-نومۇر پېڭ شىمېڭ، 13-نومۇر ۋاڭ يەن، 14-نومۇر ۋاڭ يىڭ، 15-نومۇر سۇڭ دۈەن، 16-نومۇر لى ۋېن، 17-نومۇر گۇ ياشا، 18-نومۇر بى شياۋلىن، 19-نومۇر تەن رۇيىن، 20-نومۇر جاڭ رۈي، 21-نومۇر ياۋ ۋېي، 22-نومۇر لو گۈيپىڭ، 23-نومۇر ليۇ يەنچيۇ.