تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئۆسۈملۈكلەرمۇ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ

  ئۆسۈملۈك دۇنياسىدا بەزى ئۆسۈملۈكلەر يۆنىلىش كۆرسىتىشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. جىنەنساۋ (指南草) جۇخارگۈل ئائىلىسى ئۇسۇڭ ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بىر خىل ياۋا ئۆسۈملۈك، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى غولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تىك ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ ئۇچى كومپاس ئىسترېلكىسىدەك يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. جىنەنساۋ مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل يايلىقىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇ جايدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر يەنە جىنەنساۋغا تايىنىپ يۆنىلىشنى پەرقلەندۈرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  نېمە ئۈچۈن جىنەنساۋدا بۇ خىل يۆنىلىش كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكى شەكىللەنگەن؟ ئەسلىدە يايلاق ياكى قۇملۇقتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسى قۇياش نۇرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، ئاساسەن ھېچقانداق دالدا نەرسە بولمايدۇ، بۇ ئۆسۈملۈكلەر ياشاش، ئۆزىدىكى سۇ تەركىبىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، يوپۇرماقلىرىنىڭ تىزىلىشىنى ئۆزگىچە شەكىلگە ئىگە قىلغان: يوپۇرماق يۈزى قۇياشتىن دالدىلىنىدۇ، يوپۇرماق گىرۋىكى قۇياشقا يۈزلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يوپۇرماققا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى خېلىلا ئاجىزلاپ، سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ، سۇنىڭ پارلىنىپ كېتىشىمۇ زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ. بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى يەر يۈزى بىلەن تىك ھالەتتە بولۇپ، يۆنىلىشى ئاساسەن جەنۇب-شىمال يۆنىلىشى بويىچە تىزىلىپ، ماگنىت ئىسترېلكىسىغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ يۆنىلىشنى پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، جىنەنساۋنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ، قانچە قۇرغاقچىلىق بولسا، قۇرغاق كىلىماتقا شۇنچە ماسلىشالايدىكەن، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى كۆرسەتكەن يۆنىلىشىمۇ شۇنچە توغرا بولىدىكەن.

  ئوخشاشلا، ئافرىقىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ماداغاسقار ئارىلىدا، بىر خىل «جىنەنشۇ» (指南树) بار، ئۇنىڭ غولىدا قاتار-قاتار يىڭنە يوپۇرماقلار ئۆسىدۇ، بۇ يىڭنە يوپۇرماقلارمۇ ھەمىشە كومپاسقا ئوخشاش جەنۇبىي قۇتۇپنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

  ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىش ئالاھىدىلىكى كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ، شۇڭا بەزى ئۆسۈملۈكشۇناسلار «ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىشى ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانمۇ قانداق؟» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قىزىقارلىق تەجرىبە ئىشلىگەن: بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پارنىك ۋە دەرەخ سايىسىدا ئۆستۈرگەندە، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئۆسۈملۈك يوپۇرماقلىرىنىڭ يۆنىلىش كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقانلىقىنى بايقىغان. بۇمۇ بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرەلىشىنىڭ يەر ماگنىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : پولات ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ