5-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىرلار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ قۇملۇقتا يۈرگەن كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتتى.
مۇخبىرىمىز ياڭ گۇاڭ، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گاۋ جې خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، 2019-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللې مۇسابىقىسى ئۈچىنچى مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى، شۇ كۈندىكى مۇسابىقە بۆلىكى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى تەۋەلىكىگە تەسىس قىلىندى، بۇ يەنە بۇ نۆۋەتلىك تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللې مۇسابىقىسىنىڭ ھەقىقىي مەنىدە تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرگەندىكى بىرىنچى مۇسابىقە باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. تەكلىماكاندا قۇم يۇمشاق، بوش بولغاچقا، نەچچە ئون ماھىرنىڭ ئاپتوموبىلى قۇمغا پېتىپ قېلىپ ياكى كاشىلىغا ئۇچراپ، مۇسابىقىنى تاماملاشقا ئامالسىز قېلىپ، مۇسابىقە يولىدا تاڭ ئاتقۇزۇشقا مەجبۇر بولدى، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەر سائەت نۆل ئەتراپىدا تۆتىنچى مۇسابىقە باسقۇچىدىكى مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. مۇسابىقە مۇھىتى جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن قۇملۇقنىڭ زىننىتى بولغان ھاياتىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك توغراقلار، بۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرگەن مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرى بۇ يەردە ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
5-ئاينىڭ 23-كۈنى، قۇملۇق مۇسابىقە يولىدىكى قىيىنچىلىققا ئۇچراپ توختاپ قالغان مۇسابىقە ئاپتوموبىلى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
5-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىككى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قۇملۇققا تۈس قوشقان توغراقلار ئارىسىدا مۇسابىقىلەشمەكتە.
5-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ قۇملۇق مۇسابىقە بۆلىكىدىن ئۆتۈۋاتقان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.
5-ئاينىڭ 23-كۈنى، بىر موتوسىكلىت قۇم بارخىنىدىن ئۆتكەندە چاڭ-توزان كۆتۈرۈلمەكتە.
5-ئاينىڭ 23-كۈنى، بىر موتوسىكلىت قۇملۇقتا دولقۇنسىمان ئىلگىرىلىمەكتە.
5-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ قۇملۇق مۇسابىقە بۆلىكىدە يۈرگەندىكى كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتتى.
5-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قۇملۇقتا يۈرمەكتە.
5-ئاينىڭ 23-كۈنى، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللې مۇسابىقىسىدىكى فوتوگراف ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن مۇسابىقە ئاپتوموبىلى بىلەن توغراقنىڭ سۇدىكى تەسۋىرىنى سۈرەتكە تارتتى.