تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ياڭ گۇاڭ خەۋىرى، فوتوسى) 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2019 جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى ئىككىنچى مۇسابىقە بۆلىكىگە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسىدا ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 216.81 كىلومېتىر.
گەرچە ئىككىنچى مۇسابىقە بۆلىكى ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس، قىيىنلىق دەرىجىسى ئۇنچە چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار يەنە بىر مۈشكۈلات ــــ مۇسابىقە يول بۆلىكىدىن كۆتۈرۈلگەن توپا-چاڭلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۇچقاندەك مېڭىشىدىن چىققان توپا-چاڭلار ئارقىدىن كەلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، مۇسابىقىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە خەتىرىنى ئاشۇرۇۋەتتى.