5-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەسى ئىشخلا بازىرىنىڭ تۆۋەنكى بىچاق كەنتىدىكى بىر دېھقان قىزىلگۈل ئۈزۈپ، بازارغا سېلىپ سېتىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر تۇرسۇن توختى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىشخلا بازىرى دېھقانلارنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكلەپ، ناھىيە بازىرىغا يېقىن، قاتناش قولايلىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، قىزىلگۈل، ئەنجۈر، مايلىق ئۆرۈك، شاپتۇل، ئۈزۈم، ئانار تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.