تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قىزىلسۇ ئوبلاستى خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈردى ۋە ياخشىلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جيا يۈەنخۇڭ): بۇ يىل، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى «توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى سىجىل ياخشى يولغا قويۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

  ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىلاش پىلانى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتا تۈزۈملىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. كۈتۈنۈش مەركىزى، بالىلارنى قوغداش مەركىزى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، بالىلار پاراۋانلىق ساناتورىيەسى قاتارلىق بىر تۈركۈم  تۈرلەر يولغا قويۇلۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  تېبابەتچىلىك، دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىلىرى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى. نامراتلارنى ساغلاملىق بويىچە يۆلەش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېغىر كېسەلنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالاش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە قارىتا كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمىتى يېزىلاردىكى بارلىق نامرات نوپۇسنى قاپلىدى، «ئاۋۋال دىياگنوز قويۇپ داۋالاش، ئاندىن ھەق تۆلەش»، «بىر پونكىت شەكلى»دە راسچوت قىلىش يولغا قويۇلدى. ئاقتۇ ناھىيەسى يېزا-بازار شىپاخانىسى قاتارلىق 7 تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچكى بۆلۈمى، بالىلار بۆلۈمى كېسەلخانىسى ۋە ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى كىلىنىكا بويىچە تەربىيەلەش بازىسى ئۇنىۋېرسال بىناسى مۇشۇ يىل ئىچىدە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىنىپ، داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى كۈچەپ ئۆستۈرۈلدى.

  كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، يېزىلاردا يېڭىدىن 6359 ئائىلىلىككە ئەمىن ئۆي سېلىندى، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە 513 ئائىلىلىك كۆچۈرۈلۈپ، 407 ئائىلىدىكى 1849 ئادەمگە قارىتا نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

  ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەبىئىي ئاپەت ھادىسىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ