تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن دېما، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ شيەنيا، مەۋلان ئابدۇرىھىم): 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەندە، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرى چىندېل بازارلىق شىپاخانىدا، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە كەلگەن ئامما ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتاتتى. قان ئېلىش، قان بېسىمىنى ئۆلچەش، شىنديەنتۇ ئىشلەش... تېببىي خادىملار تەرتىپ بويىچە پىششىق مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، ئامما تەرتىپلىك ھالدا تۈرلەر بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈۋاتاتتى.
70 ياشلىق بۇھەجەر مەمتىمىن چىندېل بازىرى ئالبىن بەشىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. شۇ كۈنى، بۇھەجەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا، 40 نەچچە مىنۇتتىلا بارلىق تۈرلەر بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ بولدى. سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، دوختۇرلار بۇھەجەرگە يۈرەكنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئېيتىپ، ھەر كۈنى ۋاقتىدا قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى يېيىش ھەمدە يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.
«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مۇلازىمىتى ھەقىقەتەن بەك ئەتراپلىق ئىكەن. بۇلتۇر، مەن سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىم ئېنىقلانغان ئىدى. ئۆزۈم ئانچە پەرۋا قىلمىغانىدىم، بازارلىق شىپاخانىنىڭ دوختۇرى ماڭا كۆپ قېتىم تېلېفون ئۇرۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالىمنى ئىگىلەپ، بالدۇرراق داۋالىنىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. مەن دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ھازىر ھەر كۈنى ۋاقتىدا مىقدارى بويىچە ئىنسۇلىن ئۇرۇپ، قان شېكىرىنى ناھايىتى ياخشى كونترول قىلدىم. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە رەھمەت!» دېدى بۇھەجەر.
بۇھەجەر بورتالا شەھىرى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان نەپكە ئېرىشكەن ئاممىنىڭ بىرى. ئىگىلىنىشىچە، بورتالا شەھىرىدە بۇ يىل 137 مىڭ 900 ھەر مىللەت ئامما ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىدىكەن. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بورتالا شەھىرى 15 داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ 200دىن ئارتۇق تېببىي خادىمىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرغان ھەمدە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مۇتەخەسسىسلىرى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش گۇرۇپپىسى، شەھەر، يېزا ئىككى دەرىجىلىك تەكشۈرۈش-يېتەكلەش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن مۇساپە بويىچە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلغان. 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بورتالا شەھىرى 0 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان 1009 بالىنىڭ، 15 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان 12 مىڭ 812 كىشىنىڭ، 65 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان 4679 كىشىنىڭ ۋە 80 ياشتىن يۇقىرى 356 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈتكەن.