تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەدەنىيەتلىك تارباغاتاي: پويىز قاتنىدى، سىزگە تاغ گۈللىرىنى، يەنە ئۆزگىچە جىلۋىنى تۇتاي

  مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا خەۋىرى: پويىز قاتنىدى، تارباغاتايغا بېرىپ ساياھەت قىلسا، قانداق ئۆزگىچە تەسىرات پەيدا بولىدۇ؟ ئىشىنىمەنكى، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ باققان ساياھەتچىلەرگە تارباغاتاينىڭ مول تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە قويۇق مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. تارباغاتاي ۋىلايىتى قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولىدا پويىز قاتناشتەك ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەدەنىيەت خاسلىقىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، شىمالىي شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى «ئۆزگىچە جىلۋە» بولۇپ قالىدۇ.

  «تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 2 شەھەر 5 ناھىيە بار، كىشىلەر ساۋەن ناھىيەسىدە لۇجياۋۋەن، قوبۇقسار ناھىيەسىدە سۇڭشۇگوۋ بارلىقىنى بىلىدۇ، بۇ جايلارغا پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، قاتناش ناھايىتى قولايلاشتى. ئەمەلىيەتتە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چۆچەك-دۆربىلجىن ئويمانلىقىغا جايلاشقان 1 شەھەر ۋە 3 ناھىيە، يەنى چۆچەك شەھىرى، تولى ناھىيەسى، چاغانتوقاي ناھىيەسى ۋە دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى سىرتتىكىلەر ئانچە بىلمەيدۇ، بۇ ئاساسلىقى ئۇزاق مۇددەت قاتناش قولايسىزلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن بولغان، بىز قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولىدا پويىز قاتناشتەك ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساياھەت بايلىقىنى ساياھەتچىلەرگە نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ۋاڭ يۈگو.

  يىقىنقى يىللاردا، شىنجاڭ تۆمۈريولى «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش» ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، تۆمۈريول تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىگە چوڭقۇرلاپ كىرەلمىگەچكە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكى نىسپىي بېكىنمە ھالەتتە قالغانىدى.

  ۋاڭ يۈگو مۇنداق دېدى: يېنىمىزدىكى قاناس كۆلى، نارات چوڭ يايلىقى، سايرام كۆلىدەك داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت بايلىقىنىڭ مەيلى ئېچىلىش سالمىقى بولسۇن، ياكى تەسىر كۈچى بولسۇن، ناھايىتى زور پەرق مەۋجۇت، بىراق تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ساياھەت ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ قويۇق مەدەنىيەت ئاساسى، بۇ يەردە، ساياھەتچىلەر مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە قازاق مىللىتىنىڭ كىگىز ئۆي ياساش ھۈنىرى قاتارلىق تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 12 تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى چۈشىنەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، رۇس مىللىتى ئۆرپ-ئادىتى بولغان ئاككوردىيون بايرىمىدىن بەھرە ئالالايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ، ھەتتا مەملىكەت بويىچە پەقەت مۇشۇ جايغىلا خاس ساياھەت تەسىراتى ھېسابلىنىدۇ.

  «مەدەنىيەت ساياھەتنىڭ <جان>ى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكتە پەرقلىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئۆز جايىنىڭ قويۇق مەدەنىيەت ئاساسىنى چوڭقۇر قېزىپ، قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولىدا پويىز قاتناشتەك ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ساياھەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، سىرتقا يۈزلىنىپ، شىمالىي شىنجاڭ رايونى ساياھەت چەمبىرىكىگە پائال سىڭىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ <ئۆزگىچە جىلۋە>سىنى نامايان قىلىدۇ» دېدى ۋاڭ يۈگو.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى، تارباغاتاي ۋىلايىتى 5 مىليون ساياھەتچى قېتىمنى كۈتۈۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان، ساياھەتچىلىك كىرىمى 5 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى 2 مىليون 315 مىڭ ساياھەتچى قېتىم كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى 2 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش مەنزىرىسىنى نامايان قىلغان. قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئارقا-ئارقىدىن ئۈرۈمچى-چۆچەك ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويىدۇ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى كۈتۈۋالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ