تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۈرۈمچى شەھىرى: كەسىپ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخنىكىنى ئېتىز باشلىرىغا يەتكۈزۈش

  5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەندە، ئۈرۈمچى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونلۇق ئورمانچىلىق باغ ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سەنداۋبا بازىرى داجۇاڭزىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسى دوڭ چىڭچياڭ ئەزالارنى باشلاپ، دېھقان ۋاڭ شياڭيۈننىڭ ھويلىسىدا ئۈزۈم، ئەينۇلا ۋە تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەرنى باشقۇرۇش مۇھىم نۇقتىلىرى ھەققىدە دەرس سۆزلەپ، قانداق شەكىل كىرگۈزۈپ چاتاش، دەرەخ شەكلىنى يېتىشتۈرۈش، ئۇچىنى ئۈزۈپ بىخ سۈردۈرۈش، قانداق سۇغۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى، ھەم ئېتىز باشقۇرۇشتا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا يېشىپ چۈشەندۈردى.

  چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ شياڭيۈننىڭ ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشتى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ بىر قانچە يىلدا، خىزمەت ئەترىتى ھەر يىلى بىزنى كۆچەت بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، مەن مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈردۈم، بىراق قانداق باشقۇرۇشنى بىلمەيتتىم، كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان بولساممۇ بىراق ئۆسۈش ئەھۋالى ئىزچىل ياخشى بولمىغانىدى. بۈگۈن دوڭ شۇجىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، مېۋىلىك دەرەخنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش كۆپ «يەۋالسا» سىڭدۈرەلمەيدىغانلىقىنى، بىر كۈن كەچكىچە قارىغۇلارچە ئىش قىلغان بىلەن پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئىلمىي باشقۇرغاندىلا مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم. مەن كېيىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام كۆپ تەلىم ئالىمەن، ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىمەن.»

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى مەركەزنىڭ ۋەتەننى كۆكەرتىش چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئون چوڭ خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل باغچە قۇرۇلۇشىدا كەنت ئاھالىلىرىگە كۆچەت، گۈل-گىياھ سوۋغات قىلىپ، ئاممىنىڭ تېرىقچىلىق ئاسرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، «دېرىزىنى ئېچىپلا مەنزىرە كۆرۈش، ئىشىكتىن چىقىپلا يېشىللىقنى كۆرۈش»تەك ياخشى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ياراتتى. دوڭ چىڭچياڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا نۇرغۇن دېھقانلاردا مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئاسراپ باشقۇرۇشى بىلىملىرىنىڭ ناھايىتى كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، تەربىيەلەشنى پائال قانات يايدۇرۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق، ئۆزىمىزدە بار بولغان ئالاھىدىلىكنى جارى قىلدۇرۇپ، قەرەللىك ھالدا تېخنىكىنى ئېتىز باشلىرىغا يەتكۈزدۇق!»

(ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى ئورمانچىلىق باغ ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى سەنداۋبا بازىرى داجۇاڭزىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن جوۋ يەن تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ