شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوس-ئانجىلېس، 5- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر تەن جىڭجىڭ): ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇنو» ناملىق يۇپىتېرنى چارلاش ئۈسكۈنىسى ۋەزىپە ئەترىتى تۇنجى قېتىم يۇپىتېرنىڭ ئىچكى ماگنىت مەيدانىنىڭمۇ يەر شارىنىڭ ماگنىت مەيدانىغا ئوخشاش، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇ خىل «ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزگىرىش» دەپ ئاتىلىدىغان ھادىسىنى بۇ گاز ھالەتتىكى گىگانت سەييارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى گاز ئېقىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.
ۋەزىپە گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بايقاش ئالىملارنىڭ يۇپىتېرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ۋە ئاتموسفېرا دىنامىكىسى ھەم يەر شارىنىڭ ماگنىت مەيدانى ئۆزگىرىشىنى يەنىمۇ ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدىكەن. بۇ تەتقىقاتقا ئالاقىدار ئىلمىي ماقالە ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تەبىئەت . ئاسترونومىيە» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىندى.
«جۇنو»ناملىق يۇپىتېرنى چارلاش ئۈسكۈنىسى ۋەزىپە ئەترىتىدىكى ئالىم كىمىي مۇر مۇنداق دېدى: غايەت زور يۇپىتېرنىڭ ماگنىت مەيدانىدىكى بۇ مىكرو ئۆزگىرىشنى بايقاشنىڭ ئۆزى بىر جەڭ ئېلان قىلىش، 40 يىلغا سوزۇلغان يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتىپ ئۆلچەش يۇپىتېر ماگنىت مەيدانىنىڭ ھەقىقەتەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشنى يېتەرلىك سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەپ بەردى.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق قارىدى: يۇپىتېردىكى گاز ئېقىمى ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بۇ گاز ئېقىمى سەييارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىن 3000 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايىغىچە ئىچكىرىلەپ كىرگەن، سەييارىنىڭ ئىچكى قىسمى مۇشۇ چوڭقۇرلۇقتىن باشلاپ گازدىن يۇقىرى توك ئۆتكۈزۈشچان سۇيۇق مېتالغا ئايلىنىدۇ. بۇ ماددىلار ماگنىت مەيدانىنى ئۈزۈۋېتىدۇ، تارتىپ سوزىدۇ ھەم ئۇنى باشقا رايونلارغىچە كېڭەيتىدۇ.
مۇر مۇنداق دېدى: يۇپىتېرنىڭ ماگنىت مەيدانى توغرىسىدىكى يېڭى بايقاش يۇپىتېر ماگنىت مەيدانىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تولۇق يۇلتۇزلار خەرىتىسىنى ياساشقا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنداقلا ئالىملارنىڭ يەر شارىنىڭ ئۆز ماگنىت مەيدانىنى چۈشىنىشىگە، نۇرغۇن يېشىلمىگەن سىرلارنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
2011-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلگەن «جۇنو» ناملىق يۇپىتېرنى چارلاش ئۈسكۈنىسىگە نۇرغۇن ئىلمىي ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، يۇپىتېرنىڭ قۇرۇلمىسى، تارتىش كۈچى ۋە ماگنىت مەيدانى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ئۇچۇش جەريانىدا يۇپىتېرنىڭ بۇلۇت قاتلىمىغا مىسلىسىز يېقىنلىشىپ، يۇپىتېرنىڭ ئېنىق تەسۋىرىنى سۈرەتكە تارتقان.