شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىرازىلىيە، 5-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاۋ يەن، جوۋ شىڭجۇ) جۇڭگو كوماندىسى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئاياللار ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى بىرازىلىيە بېكىتىنىڭ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە 3:1 نەتىجىدە رۇسىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.
جۇڭگو كوماندىسى بىلەن رۇسىيە كوماندىسى ئوخشاشلا مۇشۇ مۇسابىقە بېكىتىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇب بولغان، شۇڭا ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئىككىلا كوماندا پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. جۇڭگو كوماندىسى مۇسابىقە باشلانغاندا ئىنتايىن ئاكتىپ بولغان بولۇپ، بىرىنچى بۆلەك مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا نەتىجىدە ئالدىدا تۇردى، كېيىنكى يېرىمىدا كۆپلەپ خاتالىق سادىر قىلدى، شۇنىڭ بىلەن، رۇسىيە كوماندىسى جۇڭگو كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى، ئاخىرىدا جۇڭگو كوماندىسى 25:22 نەتىجىدە بىرىنچى بۆلەك مۇسابىقىدە يېڭىلدى.
ئىككىنچى بۆلەك مۇسابىقىدە جۇڭگو كوماندىسى 16گە قارشى 25 نەتىجىدە رۇسىيە كوماندىسىنى يەڭدى. ئۈچىنچى، تۆتىنچى بۆلەك مۇسابىقىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 25:16، 25:23 نەتىجىدە رۇسىيە كوماندىسىغا يېڭىلدى.
بۇ يىللىق دۇنيا ئاياللار ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 16 كوماندا بەش بېكەت مۇسابىقىدە رىقابەتلىشىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا نەتىجىسى ئالدىنقى بەش قاتارغا تىزىلغان كوماندا ساھىبخان كوماندا بىلەن بىللە ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىدۇ. ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە نەنجىڭدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو كوماندىسى ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ بولدى.