شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا 2019-يىللىق ياشانغاندا كۈتۈنۈنۈش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، بۇ يىل بېيجىڭنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى «ۋەزىپە كىتابى» ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، مەزكۇر شەھەر «ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تۈزىدۇ، كىتاب ئاساسلىق يېقىن ئەتراپتا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئەسلىھەلىرىنى ھەقسىز تەمىنلەش، ئەسلىھە تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتىش، باجنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، مۇلازىمەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، تۈجۈپىلىك ئائىلىۋى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .
ئۇزۇن مەزگىل ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى جەھەتتە، مەزكۇر شەھەر ياشانغانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تولۇقلىما، ياردەم پۇلىنى يولغا قويۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، ئېغىر دەرىجىدە ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار، ياشقا چوڭ ياشانغانلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئائىلىۋى ياشانغاندا كۈتۈنۈش كارىۋىتى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ نوپۇسقا ئېلىش مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەمگەك ئىقتىدارى، ئەقلىي ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياشانغانلارنى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ پەرۋىش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شەھەر رايونىدا «كارىۋات قىس بولۇش» ۋە شەھەر ئەتراپىدا كارىۋات بوش قېلىش تەڭ مەۋجۇت بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، مەزكۇر شەھەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەسى ۋە داۋالاش ئەسلىھەسى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ؛ يېڭىدىن 20 كوچا، يېزا، بازارلىق ياشانغانلارنى كۈتۈش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى ۋە 150 مەھەللە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئۆتىڭى قۇرۇپ، بۇنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تۈرىگە كىرگۈزىدۇ؛ جەمئىيەت ئىدارە قىلىدىغان رايون خاراكتېرلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىرلەشمە گەۋدىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.