5-ئاينىڭ 21-كۈنى، توڭرېن شەھەرلىك 11-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قۇۋۋەتلىك چۈشلۈك تاماق يېمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۈيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ توڭرېن شەھىرى ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق تامىقى چوڭ سان-سىفىر نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ تەييارلىنىپ، مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈلۈشىگىچە بولغان پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ، يېمەكلىكنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، توڭرېن شەھىرىدە بار 3070 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 588 يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇرلىرى ئوزۇقلۇق تامىقى ئاقىل بۇلۇت مۇلازىمەت سۇپىسىغا كىرگۈزۈلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئوۋ دۇڭچۈ فوتوسى