تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ) : شىنجاڭ تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ رېژىسسورى شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلغان «مۇزىكانت» ناملىق فىلىم، يېقىندا دۆلەت ئىچى ھەمدە قازاقىستاندا قويۇلدى.
فىلىمدە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇڭگولۇق داڭلىق كومپوزىتور شيەن شىڭخەينىڭ قازاقىستاندىكى تۇرمۇشى ھەمدە ئۇنىڭ قازاقىستان كومپوزىتورى بايكاداموۋ بىلەن بولغان دوستلۇقى خاتىرىلەنگەن.
جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەت 2017-يىلى ھەمكارلىشىپ كىنو سۈرەتكە ئېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، «مۇزىكانت» فىلىمى بۇ كېلىشمىنىڭ باشلىنىش تۈرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن قازاقىستاننىڭ «نۇرلۇق يول» يېڭى ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ ئادىمىيەت ساھەسىدە ئۇدۇللاشتۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرى بولۇپ قالدى.
ئائىلە دۆلەت مېھرىگە تويۇنغان بۇ تەسىرلىك فىلىم قويۇلۇشى بىلەنلا، كەڭ كۆلەمدە ياخشى باھاغا ئېرىشتى. دۆلەت ئىچىدە قويۇلۇپ، كىنوخانىدا «خۇاڭخې دەرياسى خورى» ياڭرىغاندا، تاماشىبىنلارنىڭ مۇزىكىغا ئەگىشىپ پەس ئاۋازدا غىڭشىپ ناخشا ئېيتقان كۆرۈنۈش كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىم قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسۇلتاندا تۇنجى قېتىم قويۇلغاندا، قازاقىستاندىكى نۇرغۇن تاماشىبىن كىنونى كۆرگەندىن كېيىن تەسىرلىنىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كىنو ۋە ئارتىسلارنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىگە ئالقىش ياڭراتقان.
سەمىمىيەتكە تولغان بۇ ئەسەر شىنجاڭ كىنوچىلىرىنىڭ شان-شەرىپى ۋە تىرىشچانلىقى بولۇپ، فىلىم قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، مۇخبىر ئالايتەن رېژىسسور شىرزاتنى زىيارەت قىلغىلى باردى، شىرزات بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاساسلىق كىنو ئەسەرلىرىدىن: «مەمەتنىڭ 2008-يىلى»، «ئۈرۈمچى ئاسمىنى»، «گۈل»، «پىڭراڭدىكى ئۇچرىشىش» قاتارلىقلار بار. ئېكران تىلىدا ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىشقا ماھىر بولۇش ھەمدە ھېسسىياتقا باي بولۇش ئۇنىڭ كىنو ئەسەرلىرىدىكى روشەن ئۇسلۇب ھېسابلىنىدۇ. بۇمۇ فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپنىڭ ئۇنى رېژىسسورلۇققا تاللىشىدىكى مۇھىم سەۋەب.
2017-يىلى شىرزات شىنجاڭ ئەدەبىي تەرجىمانى قايشا تاباراكنىڭ ياردىمىدە، سېنارىيەنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بېيجىڭغا 20 نەچچە قېتىم بېرىپ-كېلىپ، «1-ئاۋغۇست» كىنو ئىستۇدىيىسىنىڭ سېنارىستى جاڭ سۇيسۇي بىلەن سېنارىيە ئەسىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ، سېنارىيەنىلا ئون نەچچە قېتىم ئۆزگەرتتى.
2017-يىلى 6-ئايدا «مۇزىكانت» فىلىمى قازاقىستاندا سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلاندى. 300 دىن ئارتۇق فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن باشقا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقان ئادەم 20 مىڭدىن ئاشتى. شىرزات مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شيەن شىڭخەي كوچىسىدا بىر ئابىدە بار، ئابىدىگە مۇنداق سۆز ئويۇلغان: «شيەن شىڭخەي مۇزىكا ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدا دوستلۇق كۆۋرۈكى سالدى، بىز ئۇنىڭ ئىسمىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز، جۇڭگو-قازاقىستان دوستلۇقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» بۇمۇ كىنو يەتكۈزمەكچى بولغان باش تېما ھېسابلىنىدۇ.