تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئىنسانىيەتنىڭ ھەر خىل مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش دۇنيانى تېخىمۇ ئىناق، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىشنىڭ مۇقەررەر يولى.

  «ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى!» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى، گۈزەل كەلگۈسىگە قەدەم قويۇشى ئۈچۈن جۇڭگو تەشەببۇسىنى چىقىرىپ، جۇڭگو تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك پۈتۈن دۇنياغا بولغان مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ نۇرىنى چاقنىتىشقا كۈچ چىقىرىدىغان تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئورتاق ساداسى ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشىنى قوزغىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئىنسانلار پەقەت تېرىسىنىڭ رەڭگى، تىلى ئارقىلىق پەرقلىنىدۇ، مەدەنىيلىك پەقەت رەڭدارلىق جەھەتتىلا پەرقلىنىدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ يۇقىرى - تۆۋەنلىك، ئەلا - ناچارلىق پەرقى بولمايدۇ.» ھەربىر خىل مەدەنىيلىك ئۆزى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۇپراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ئۇنىڭغا بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ ئاجايىپ ئەقىل - پاراسىتى ۋە مەنىۋى ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىممىتى بار. ئۆزىنىڭ ئىرقى ۋە مەدەنىيلىكىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ قاراپ، باشقا مەدەنىيلىكنى جاھىللىق بىلەن ئۆزگەرتىش، ھەتتا ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىش تونۇش جەھەتتە ئەخمىقانىلىك، ئۇسۇل جەھەتتە ئاپەت خاراكتېرلىكتۇر! ئەگەر ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى پەقەت بىرلا خىل رەڭدە، بىرلا خىل ئەندىزىدە بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ دۇنيا بەك مەنىسىز، شۇنداقلا زېرىكىشلىك بولۇپ قالغان بولاتتى! تارىخ شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، ھەرقانداق مەجبۇرلاش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيلىك پەرقىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ئۇسۇل مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ، ئەكسىچە دۇنيا مەدەنىيلىكىگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. ھەر خىل مەدەنىيلىك ئەسلىدىنلا توقۇنۇشمايدۇ، پەقەت بارلىق مەدەنىيلىكنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان كۆز بولۇشى كېرەك. ئاشۇ ئاتالمىش «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى نەزەرىيەسى» «مەدەنىيلىك ئەلا - ناچارلىق نەزەرىيەسى» بىر بولسا ھاكاۋۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش بىلەن كۆزىنى توسۇپ قويغانلىق، بىر بولسا مەدەنىيەت زوراۋانلىقىنى ئۆكتەملىك بىلەن يولغا قويغانلىق. دەل چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى ئېيتقاندەك: ھەقىقىي مەدەنىيلىك ئارىسىدا توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىش يۈزبەرمەسلىكى كېرەك ھەم يۈزبەرمەيدۇ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارىسىدا پەرق مەۋجۇت، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك، مانا بۇ دۇنيانىڭ ئۇزاق تىنچ بولۇش ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈش يولىدۇر.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بارلىق ھاياتلىق ئورگانىزملىرىنىڭ ھەممىسى ماددا ئالماشتۇرۇشقا موھتاج، بولمىسا ھاياتلىق توختاپ قالىدۇ. مەدەنىيلىكمۇ ئوخشاش، ئەگەر ئۇزاق مەزگىل بېكىنمە ھالەتتە تۇرسا، مۇقەررەر ھالدا زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.» تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پەقەت ئالماشتۇرغاندىلا، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالغاندىلا، بىرخىل مەدەنىيلىك ئاندىن ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. ئەگەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بېكىنمە ھالەتتىكى يالغۇز ئارالغا يەنە قايتىپ كەتسە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى مەڭگۈ باردى - كەلدى قىلماسلىق تۈپەيلى ھاياتىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. «كەڭ قورساق، سىغدۇرۇشچان بولغاندىلا زورىيىش بولىدۇ.» تۈرلۈك مەدەنىيلىكنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشىنىشتە، جەزمەن باراۋەر، كەمتەر بولۇش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر باشقا مەدەنىيلىككە ھۇجۇم قىلسا، كەمسىتسە، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ئېگىزدە تۇرۇپ پەسكە قارىغان ھالدا باشقا مەدەنىيلىككە مۇئامىلە قىلسا، باشقا مەدەنىيلىكنىڭ سىرىنى ئاچالمايلا قالماستىن، يەنە باشقا مەدەنىيلىك بىلەن پەقەتلا چىقىشالماي، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ مەدەنىيلىكىنى بىر ئىزدىلا توختىتىپ قويۇش جەريانىدا قاتماللاشتۇرۇپ، تارىخنىڭ تۇيۇق يولىغا كىرگۈزۈپ قويىدۇ. دەل رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش تەڭ، باراۋەر بولۇشى، كۆپ مەنبەلىك، كۆپ يۆنىلىشلىك بولۇشى، ھەرگىزمۇ زورمۇزور، مەجبۇرىي بولماسلىقى، يەككە، تاق يۆنىلىشلىك بولماسلىقى كېرەك.» دېڭىزدەك كەڭ كۆڭلى - كۆكسى بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى قورغاننى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن باشقا مەدەنىيلىكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلغاندىلا، بىر خىل مەدەنىيلىك ئاندىن داۋاملىشىپ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ گۈلزارلىقى ئاندىن رەڭگارەڭ گۈللەرگە تولىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى.» ئىنسانلار تارىخى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ بىر پارچە ئۇلۇغۋار يۆگىمە رەسىمى. ئاسىيا خەلقلىرى شانلىق مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ياراتتى، ئاسىيا مەدەنىيلىكى ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەم دۇنيا مەدەنىيلىكى بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا تەرەققىي قىلىپ زورايدى. ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىنىپ ھازىرغىچە ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ئۇ جۇڭگو زېمىنىدا بارلىققا كەلگەن مەدەنىيلىك، شۇنداقلا باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن مەدەنىيلىك. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق بىلدۈردىكى، پەقەت ئۆز مەدەنىيلىكى بىلەن باشقا مەدەنىيلىكنىڭ پەرقىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئالماشتۇرۇشى، سۆزلىشىشى، ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولغاندىلا، ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكى ئاندىن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ ھاياتلىق ئىقتىدارىغا تولىدۇ، ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. شۇنداقلا پەقەت مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىلەندۈرگىلى، تېخىمۇ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

  ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ بەلگىسى مەدەنىيلىكنىڭ رەڭدارلىقىغا سىمۋول قىلىنغان، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش سۆزلىشىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. باراۋەر، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، سۆزلىشىدىغان، سىغدۇرۇشچان مەدەنىيلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئارازلىقىدىن ھالقىساق، مەدەنىيلىكتىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىساق، مەدەنىيلىك ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئەۋزەللىكىدىن ھالقىساق، بىز چوقۇم ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئادىمىيەت ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ