تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل كان بەرپا قىلىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىدۇ

2020- يىلىغا بارغاندا تىرىشىپ 400دىن ئارتۇق يېشىل كان قۇرۇپ چىقىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭنىڭ 2019 شىنجاڭ كانچىلىق تەرەققىياتى ھەم يېشىل كان قۇرۇلۇشى باشلىقلار مۇنبىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ ساندىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كانلار يېشىل كان بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ياكى قانات يايدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا تىرىشىپ 400دىن ئارتۇق يېشىل كان، ئالتە يېشىل كانچىلىق تەرەققىيات ئۈلگە رايونى قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭ كانچىلىق بىرلەشمىسى ۋە شىنجاڭ تەبىئىي بايلىق پىلانلاش يۇرتىنى ئۈچىنچى تەرەپ باھالاش ئاپپاراتى قىلىپ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار كەسىپ ئۆلچىمىنى باھالاش ئاساسى قىلىپ، يېشىل كان بويىچە ئۈچىنچى تەرەپ باھالىغان كاندىن يېڭىدىن 12نى كۆپەيتىشنى تاماملاپ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ يېشىل كان ئامبىرىغا كىرگۈزۈش تەلىپىگە يەتكەن كان ئومۇمىي سانىنى 38گە يەتكۈزدى.

  شىنجاڭ كانچىلىق بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن بىرلەشمە باشلىقى جاڭ جىمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، ئالتۇن، ھاك تاش، شېغىل قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسلىق كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئون خىل كان تۈرى كەسپىنىڭ يېشىل كان قۇرۇش ئۆلچىمىنى بېكىتىۋاتىدۇ. ئۆلچەم بېكىتىلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانا ئۆزى قۇرىدىغان، ئۈچىنچى تەرەپ باھالايدىغان، جەمئىيەت نازارەت قىلىدىغان خىزمەت سىستېمىسى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېشىل كان قۇرۇلۇشى تېخىمۇ تېزلىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ