تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كونا شەھەر ناھىيەسى دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىدىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى ساياھەت مۇلازىمەت تەشۋىقات نۇقتىسىغا «ئايلاندى»

 تۆت جايدىكى قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى تەشۋىقات مۇلازىمەت نۇقتىسىغا « ئايلاندى».

  مۇخبىرىمىز جاڭ مېڭيۈ، ئىختىيارىي مۇخبىر لىن گاۋفىڭ خەۋىرى: قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىدىكى بالىچياۋدىن ئوپال يېزىسى نەسىللىك قوي فېرمىسىغىچە بولغان 46 كىلومېتىر يول، ئىلگىرى ئاساسلىقى يۈك توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ يول «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېسىل ساياھەت لىنىيەسى» سەۋەبلىك ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى.

  يېقىندا، دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىدىكى نورمىدىن ئارتۇق ئادەم، يۈك توشۇشنى تۈزەش پونكىتىدىكى قاتناش ساقچىلىرى ساياھەت مۇلازىمەت تەشۋىقات نۇقتىسىدا، قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى دۆلەت يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ۋۇ بىن قەرەللىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ۋۇ بىن شوپۇرنىڭ ئازراق ئۇيقۇسى كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، مۈرىسىنى يېنىككىنە ئۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى: « ئۇستام، نەگە بارىسىز؟» «قىزىلسۇ ئوبلاستىغا بارىمەن.» «ئۇ يەردە بەيشاخۇ كۆلى ۋە قاراكۆل بار، مەنزىرسى بەكلا گۈزەل، يول ئۈستىدە ئايلىنىپ كېلىڭ.» «توغرا ، توغرا، مەن دەل شۇ يەرگە بېرىپ ئوينىماقچى، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم كېلىشىم.» «ئۇنداقتا مەن سىزگە قانداق بېرىشنى دەپ بېرەي ...»

  10 مىنۇتتىن كېيىن، شوپۇر خۇشال ھالدا ئاپتوموبىلىغا چىقتى، ۋۇ بىن ئۇنىڭغا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى.

  قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە دۆلەت يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى خۇيلياڭ مۇنداق دېدى:« بىزنىڭ ئەسلىدىكى تۆت ئورۇندا مۇقىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىمىز ئايرىم - ئايرىم ھالدا بالىچياۋ نۇقتىسى، دۆلەت يولى يول ئېغىزى نۇقتىسى ، ئوپال ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى ، دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىدىكى نورمىدىن ئارتۇق ئادەم، يۈك توشۇش قىلمىشلىرىنى تۈزەش پونكىتى نۇقتىسى ئىدى، بۇ تۆت نۇقتا 2017-يىلىدىن باشلاپ <ئۆزگىرىپ>، ھازىر ئۈچ ساياھەت مۇلازىمەت - تەشۋىقات نۇقتىسى ۋە بىر قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە نەسىھەت قىلىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.»

  ئۆزگىرىش سەۋەبى تىلغا ئېلىنغاندا لى خۈيلياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يوللار «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېسىل ساياھەت لىنىيەسى» سەۋەبلىك ھەممىگە تونۇلدى، يولنى بويلاپ ماڭغاندا، 42 كۆزلۈك بۇلاق، ئويتاغ مۇزلۇق باغچىسى، بەيشاخۇ كۆلى، قاراكۆل شۇنداقلا تاشقورغان ناھىيەسى ۋە قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسى قاتارلىق ئون نەچچە داڭلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ۋە مەنزىرە رايونى بار.

  ھەربىر ساياھەت مۇلازىمەت تەشۋىقات نۇقتىسىغا بىردىن كىچىك ئۈستەل، ئۈستەلگە مىنېرال سۇ، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر قويۇلغان، شۇنداقلا دورا ساندۇقى ۋە رېمونت قىلىش قوراللىرى ساندۇقىمۇ بار بولۇپ، يولدىن ئۆتكەن شوپۇرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىلگەن.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، ئىلگىرى قاتناش ساقچىلىرى شوپۇرلارغا نوقۇل ھالدا بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى بېرىدىغان بولۇپ، ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىغان، لېكىن ھازىر قاتناش ساقچىلىرى قوشۇمچە «ساياھەت تەشۋىقاتچىسى» بولۇپ، بىر تەرەپتىن ساياھەت تاكتىكىسىنى سۆزلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئەسكەرتىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، قاتناش ھادىسىسى يۈزبېرىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ