ئامېرىكا نيۇيورك كولۇمبىيە داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن 485 ئايالغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئەگەر ئاياللار بىر يىل ئىچىدە 4.5 كىلوگىرام ئورۇقلاپ، كېيىن قايتا سەمرىپ كەتسە، بۇ خىل ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئادەتتە ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش يۈرەككە پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن داۋاملىق ئورۇقلاش قىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرۇشى يۈرەك، قان تومۇر ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن. يۈرەككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇراقلىق بولۇش ناھايىتى مۇھىم، شۇڭا مودا قوغلاشقاندىن كۆرە، تۇراقلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ، تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرگەن تۈزۈك.
ئامېرىكا يۈرەك ئىلمى جەمئىيىتى كىشىلەر كونتىرول قىلالايدىغان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدىغان ئامىللارنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلىغان: ئۇلار يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى بولۇش، قان شېكىرى يۇقىرى بولۇش، ھەرىكەت ئاز بولۇش، نامۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ۋە تاماكا چېكىشتىن ئىبارەت.
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى زور پەرق بىلەن ئۆزگەرگەن ئەرلەر ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە، يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئىككى ھەسسە ئاشىدىكەن.
« جۇڭگو ئاياللار گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى.