تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلار يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، تېخىمۇ كۆپ بىلىملىك، ماھارەتلىك، يېڭىلىق يارىتىشچان ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانىلار يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋاقىتلىق چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ۋاقىتلىق چارە» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىنغان. 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كارخانىلار يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان.

  كارخانىلار يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمى ھۆكۈمەت يېتەكلەش، كارخانىلارنى ئاساس قىلىش، مەكتەپلەر قاتنىشىش پىرىنسىپى بويىچە، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا - ماھارەت ئىش ئورنىغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغانلار ۋە ئىش ئورنى ئالماشقان خادىملارنى تەربىيەلەش ئوبيېكتى قىلىپ، «ئىشچى قوبۇل قىلغانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغانلىق بولۇش، كارخانىغا كىرگەنلىك مەكتەپكە كىرگەنلىك بولۇش، كارخانا - مەكتەپ قوش ئۇستاز بىرلىشىپ يېتىشتۈرۈش»نى ئاساسىي ئەندىزە قىلىپ، كارخانا بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىشىش، ئىشلەش بىلەن ئوقۇشنى گىرەلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.

  «ۋاقىتلىق چارە»دە مۇنداق ئېنىق بەلگىلەندى: كارخانىلار يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمىدە 45 ياشتىن تۆۋەن، كارخانا بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان تېخنىكا - ماھارەت ئىش ئورنىغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خادىملار ۋە ئىش ئورنى ئالماشقان خادىملار يېتىشتۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ، يېتىشتۈرۈش نىشانى كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلارنى ئاساس قىلىدۇ، يېتىشتۈرۈش مۇددىتى بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدا ئۈچ يىلغا ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

  كارخانىلار يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمى كارخانىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ تەشكىللىك قانات يايدۇرۇلىدۇ. كارخانا تەربىيەلەش ئوبيېكتىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ، ئىش ئورنى تەلىپىگە ئاساسەن تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ، كارخانا مۇنەۋۋەر يۇقىرى تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ، ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەشنى قانات يايدۇرىدۇ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى قاراتمىلىق ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ھەمكارلىشىپ تاماملايدۇ.

  ئاپتونوم رايون يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغان كارخانىلارغا تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، تولۇقلىما ئۆلچىمى ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ھەربىر ئوقۇش يىلىدا 4000 يۈەن بولىدۇ. كارخانىلارنىڭ يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلىشى تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىنغاندىن كېيىن، مالىيە تارماقلىرى تولۇقلىما سوممىسىنىڭ %50ى بويىچە كارخانىلارغا تولۇقلىما مەبلەغنى ئالدىن چىقىم قىلىدۇ؛ تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، كارخانىلار قالغان تەربىيەلەش تولۇقلىما مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تولۇقلىما ئۆلچىمى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، تەربىيەلەش تەننەرخى، مال باھا كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ.

  يېڭىچە شاگىرت تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلغان مەزگىلدە، كارخانىلار ھەمكارلىق كېلىشىمىدىكى پۈتۈم بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا شاگىرت تەربىيەلەش خىراجىتىنى تۆلەيدۇ؛ ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلاردىكى ئۇستازلار ئۇستاز شاگىرتنى يېتەكلەش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ شاگىرتلارنىڭ ئىش ھەققى ئەمگەك توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە بېرىلىدۇ. شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ