تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشتە «قان بېرىش» «قان ئىشلەش»كە ئۆزگەردى

− ئالتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ چاڭتۇبەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى ۋاڭ چېن

   پويىزنىڭ تېز يۈرۈشى پۈتۈنلەي پاراۋۇزنىڭ سۆرىشىگە باغلىق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى «روھ»نى ئۇرغۇتۇشتا، مۇھىمى يەنە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ «پاراۋۇز»لۇق رولىنىڭ قانداق جارى قىلدۇرۇلغانلىقىغا قاراش كېرەك.

   كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى دائىم ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى بەزى ياخشى تەجرىبىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بىلىم ئۆگىنىدىغان، تېخنىكا بىلىدىغان قىلدى.

   كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە چاڭتۇبەك كەنتىنىڭ قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى.

  5- ئاينىڭ 7- كۈنى، شىنجاڭ قاناس ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى قاناس تاغلىق كەنتىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئالىمبېك ئاقان ئاپتوموبىللارنى تەرتىپلىك توختىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى، ھازىرقى خىزمىتىنى تىلغا ئالغاندا ئۇ ناھايىتى رازى بولغان ھالدا: «ئايدا 3500 يۈەن مائاش ئالىمەن، شىركەت يەنە تاماق، ياتاقنى كۆتۈرىدۇ» دېدى.

  ئالىمبېك بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئويماق بازىرى چاڭتۇبەك كەنتىدىن، بۇ كەنت بۇرچىن دەرياسىنىڭ تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان، پۈتۈن كەنتتە 116 ئائىلە 367 كىشى بار، بۇ يېزا ئىگىلىك كەنتى بولسىمۇ، لېكىن گېئولوگىيەلىك شارائىتنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئۈچ موغىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى ياش قۇرۇلمىسى چوڭ، بېيىشقا يېتەكلەش ئىقتىدارى كەمچىل بولغاچقا، چاڭتۇبەك كەنتى ئىلگىرى يىراق - يېقىندا نامى بار نامرات كەنت بولۇپ قالغانىدى.

  پويىزنىڭ تېز يۈرۈشى پۈتۈنلەي پاراۋۇزنىڭ سۆرىشىگە باغلىق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى «روھ»نى ئۇرغۇتۇشتا، مۇھىمى يەنە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ «پاراۋۇز»لۇق رولىنىڭ قانداق جارى قىلدۇرۇلغانلىقىغا قاراش كېرەك. چاڭتۇبەك كەنتىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ بەنزە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش زۆرۈر ئىدى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئويماق بازىرى چاڭتۇبەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بازارلىق ھۆكۈمەتكە پائال ماسلىشىپ، يېزىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەنلەر، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان خادىملار ئىچىدىن مۇۋاپىق نامزاتلارنى تاللاپ، تۆت كەنت كادىرىنى تەڭشەپ ئالماشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىر ئادەم بىر كەنت كادىرىنى يېتەكلەپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىنىڭ ئومۇمىي جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى.

  «ھازىر، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى دائىم ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، بىزگە كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى بەزى ياخشى تەجرىبىلەرنى تونۇشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، بىزنى بىلىم ئۆگىنىدىغان، تېخنىكا بىلىدىغان قىلىپ، بار ئاماللار بىلەن بىزنى بېيىتىۋاتىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى مۇرات قابىلقاق.

  بەنزە كۈچلۈك سەپلەندى، قانداق قىلىپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «قان بېرىپ» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن «قان ئىشلەپ» بېيىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىش؛ قانداق قىلىپ پۈتۈن رايون ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئالتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ چاڭتۇبەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ليۇ گوتىڭ ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان مەسىلە ئىدى.

  ليۇ گوتىڭ ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، تېرىلغۇ يەر ئاز بولغاچقا، چاڭتۇبەك كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىلەرنىڭ دېگۈدەك كالا باقسىمۇ، لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان ئەلا نەسىللىك بۇقا بىلەن ئۇرۇقلاندۇرۇش كەمچىل، موزاينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى ئۇزاق، بازار باھاسى تۆۋەن بولۇشنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى بايقىدى. شۇڭا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شۇ ھامان بازارلىق پارتكوم بىلەن ئالاقىلىشىپ، 400 مىڭ يۈەن كارخانىلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، 20 ئەلا نەسىللىك بۇقا كىرگۈزۈپ، باقمىچىلىق ماھىرلىرىنىڭ ۋاكالىتەن بېقىشىغا تارقىتىپ بەردى ھەم چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۆيگە بېرىپ تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەشكە تەكلىپ قىلدى.

  «ھازىر نەسىل ياخشىلاشتىن كېيىن، بىر كالىنى ئىلگىرىكىدىن 3000 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت ساتالايدىغان بولدۇق!» كالىغا يەم - خەشەك بېرىۋاتقان باقمىچى قابى ئوشناي مۇنداق دېدى: بۇلتۇر باقمىچىلىق تۈرىدىلا 9000 يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق.

  «ئىشلىگۈسى بولسىمۇ يول تاپالماسلىق» ئىلگىرى چاڭتۇبەك كەنتىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلە ئىدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، دېھقان - چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، كەنتتىكى 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئىشلەش ئارزۇسى بار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شەخسلەر ئۇچۇر ھېسابات تىزىملىكىنى تۇرغۇزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئەمگەك ۋاسىتىچىلىرى ئارقىلىق ناھىيە تەۋەلىكىدىكى «ئادەمنى كۆپ ئىشلىتىدىغان» كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى ئېھتىياجى بىلەن شەخسلەرنىڭ ئارزۇسىنى «ماسلاشتۇردى» ھەم كارخانىلارنى كەنتكە تەكلىپ قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىش ئورنىغا چىقىپ ئىشلەشكە تولۇق تەييارلىق قىلدۇردى. بۇ يىلدىن بۇيان، 73 كەنت ئاھالىسى كەينى - كەينىدىن شىنجاڭ قاناس ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى، بۇرچىن خۇييۈەن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلىدى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە چاڭتۇبەك كەنتىنىڭ قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ يېتەكچىلىكى، تۈرتكىسىدە، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسى تېز سۈرئەتتە تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئاتلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ