ئۆز مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گو شيا، لى جىنمېي خەۋىرى، فوتوسى: «كەنتتە شوپۇرلۇق مەكتىپى سېلىنىۋېتىپتۇ، كەنت ئاھالىلىرى شوپۇرلۇقنى ئۆگەنسە 400 يۈەن ئېتىبار قىلىنىدىكەن.» بۇ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى تېكەس بازىرىنىڭ گۈلباغ كەنتىدىكى ئاھالىلەر بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قىزغىن مۇنازىرە قىلىۋاتقان تېما بولۇپ قالدى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسى تېكەس بازىرىنىڭ گۈلباغ كەنتىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت كوللىكتىپ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى كەنتنى كۈچلەندۈرۈپ، ئاھالىلەرنى بېيىتىدىغان «ئالتۇن ئاچقۇچ»قا ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى مەبلەغنى ئاكتىپ جانلاندۇرۇپ، تېكەس ناھىيەلىك يۈەنچېڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى بىلەن ھەمكارلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، «يۈەنچېڭ گۈلباغ ھەمكارلىق شوپۇرلۇق مەكتىپى»نى ھەمكارلىشىپ قۇرۇشقا كېلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندۈرۈپ، كەنت كوللېكتىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى.
تېكەس ناھىيەلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى بىلەن تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ بىرلىكتە تېكەس ناھىيەسى تېكەس بازىرى گۈلباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى ياڭ لىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شوپۇرلۇق مەكتىپى بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشكىنى بويىچە، كەنت ئاھالىلىرى شوپۇرلۇقنى ئۆگەنسە 400 يۈەن/ئادەم ئېتىبار قىلىنىدۇ، ھەر ئايدا يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن بىر نامرات ئاھالىنىڭ ئوقۇش پۇلى كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ.» مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يۈەنچېڭ گۈلباغ ھەمكارلىق شوپۇرلۇق مەكتىپىنى تېكەس ناھىيەلىك يۈەنچېڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇۋاتقان بولۇپ، 4-ئاينىڭ ئاخىرى قۇرۇلۇش باشلانغان، ئىگىلىگەن كۆلىمى 46 موغا يەتكەن. ئالدىنقى بەش يىلنىڭ ھەر يىلىدا، تېكەس ناھىيەلىك يۈەنچېڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى كەنتكە 236 مىڭ يۈەن تاپشۇرغان، بۇندىن كېيىن يىلىغا 236 مىڭ يۈەن ئاساسىدا يىلدىن يىلغا %10لىك ئېشىش نىسبىتى بويىچە تاپشۇرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادى ئېشىپلا قالماستىن، ئاممىغا قولايلىق يارىتىلىدىكەن.
«كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز پەقەت كارخانىنىڭ پايدىسىنىلا ئويلاشساق بولمايدۇ، يەنە كەنتنىڭ كوللېكتىپ مەنپەئەتىنىمۇ ئويلىشىمىز كېرەك، كەنتتە نامرات ئامما بار، بىز ياردەم قىلالىساقلا چوقۇم كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىمىز» دېدى تېكەس ناھىيەلىك يۈەنچېڭ شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خۇڭلى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شوپۇرلۇق مەكتىپى بەش مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن، يەنە 30-50 ئادەمنى بۇ يەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر قىىسم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن.