تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 17 يولدا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تۈزەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدۇ

  مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ما يۈەن خەۋىرى: بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەشچان، ئىسسىقلىق ساقلايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلغان گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يەنە 17 يول (19 بۆلەك)دا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارماقچى. نۆۋەتتە 7 يولدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاندى.

  5-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزەش پىلانلانغان يوللار تۆۋەندىكىچە ئىكەن: تىيانشان رايونىدا شوربۇلاق كوچىسى ۋە  شوربۇلاق 3-كوچىسىنى تەرتىپكە سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2.2 كىلومېتىر؛ سايباغ رايونىدا  ئالتاي يولىغا قاراشلىق بۆلەك، باۋشەن يولى، نەنچاڭ يولى، گۇچۇڭ يولى ۋە قومۇل يولىدىن ئىبارەت 5 يولنى تەرتىپكە سېلىش پىلانلانغان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 11 كىلومېتىر؛ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا ئالتاي يولىغا قاراشلىق بۆلەك، لىيۈشەن جەنۇبىي يولى، لىيۈشەن شىمالىي يولى، خېنەن شەرقىي يولى، خېنەن غەربىي يولىغا قاراشلىق بۆلەكتىن ئىبارەت 5 يولنى تەرتىپكە سېلىش پىلانلانغان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 11.4 كىلومېتىر؛ شىمىگۇ رايونىدا ئەنجۈ جەنۇبىي يولى، چىداۋان جەنۇبىي يولى، ئارشاڭ شەرقىي يولى، خۇڭسەن يولى، دەريا بويى يولىدىن ئىبارەت 5 يولنى تەرتىپكە سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 7.6 كىلومېتىر؛ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا غەربىي خېنەن يولىغا قاراشلىق بۆلەكنى تەرتىپكە سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 0.61 كىلومېتىر؛ مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدا گۇمۇدى يولى تەرتىپكە سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 4.5 كىلومېتىر. 

شوربۇلاق 3-كوچىسىدا، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئىمارەتلەرنىڭ تاشقى تىك يۈزى پاكىز، رەتلىك ۋە كۆركەم تۈسكە كىردى.

  نۆۋەتتە، مەيدان قۇرۇپ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان 7 يول ئايرىم-ئايرىم ھالدا تىيانشان رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، شىمىگو رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا بولۇپ، كونكېرت تۆۋەندىكىچە: شوربۇلاق كوچىسى، شوربۇلاق 3-كوچىسى، خېنەن شەرقىي يولى، لىيۈشەن شىمالىي يولى، ئەنجۈ جەنۇبىي يولى، چىداۋان جەنۇبىي يولى، خېنەن غەربىي يولى. قالغان كوچىلاردا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، پات ئارىدا ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ، ئومۇمىي قۇرۇلۇشنى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن تاماملاش پىلانلاندى.

شوربۇلاق 3-كوچىسىدا بىر ئىشچى پىيادىلەر يولىغا گۈللۈك خىش ياتقۇزماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ