يېقىندا، سانجى شەھىرى ئەرگۇڭ بازىرى شىئەرفىن كەنتىدىكى ئېمۇ قۇشى باقمىچىلىق تەرەققىيات بازىسىدىكى 200دىن ئارتۇق ئېمۇ قۇشى قولدىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بازىنىڭ مەسئۇلى يۈ گۇاڭچۈن خۇشاللىقىدىن ئېغىزىنى يۇمالماي قالغانىدى.
ئېمۇ قۇشىنىڭ شەكلى تۆگىقۇشقا ئوخشاپ كېتىدۇ، تەن شەكلى تۆگىقۇشتىن كىچىكرەك بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي قۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىندۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بازا ئېمۇ قۇشى باقمىچىلىقىنى تايانچ قىلىپ، باقمىچىلىق، گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك، ساياھەت، ئېمۇ قۇشى مېيى ئايرىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات بازىسى قۇردى.
سانجى شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بازىنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش + ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قېزىش + تەشۋىقات ئارقىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» خىزمەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، باقمىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېخنىكا خادىملىرىنى قەرەللىك تەكلىپ قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چۈجە چىقىرىش قاتارلىق مۇلازىمەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى ھەمدە ياردەم بېرىش - يۆلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، تەشۋىقاتنى كېڭەيتىپ، سېتىش بازىرىنى ئېچىپ، ئېمۇ قۇشى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن كېڭەيتتى.
«خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماڭا ياردەم قىلغىنىغا رەھمەت، مەن خىزمەت ئەترىتى تەكلىپ قىلغان مۇتەخەسسىس ۋە تېخنىك خادىملار ئۆگەتكەن بېقىش ئۇسۇلى بويىچە باقمىچىلىق قىلدىم، ئېمۇ قۇشىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى تېز، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىمۇ كۈچلۈك بولدى، ئېمۇ قۇشى گۆشى، ئېمۇ قۇشى تۇخۇمىنىڭ قوشۇلما قىممىتىمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى.» دېدى يۈ گۇاڭچۈن.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بۇ باقمىچىلىق بازىسى باقمىچىلىق كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، قوتاندىكى ئېمۇ قۇشىنىڭ سانىنى 300دىن ئاشۇردى. بازا ئىش بېجىرىش رايونى، ئېمۇ قۇشلىرىنى بېقىش ۋە يەم-خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى، يەم-خەشەك تېرىش رايونى ۋە چۈجە چىقىرىش رايونىدىن ئىبارەت «تۆت رايون»غا ئايرىلغان بولۇپ، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق، بۇ بازا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئېمۇ قۇشى مېيى، قول مېيى، يۈز چاپلىقى قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتلار شىنجاڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى.
(سانجى ئوبلاستلىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن لياڭ خۇڭتاۋ، ليۇ خۇا تەمىنلىگەن)