كىرىشتۈرۈلگەن سۈرەت: يۇقىرىقى سۈرەتتە خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ 1-كەنتىدىكى ئۆيلەر قۇم-بوراندا كۆمۈلۈپ قالغان(ماتېرىيال سۈرەت)، قۇم-بوران، شور، ھۆلچىلىك ئاپىتى لەنكاۋ تارىخىدىكى «ئۈچ ئاپەت»؛ تۆۋەندىكى سۈرەت 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان لەنكاۋ ناھىيەسى دۇڭباتۇ يېزىسى جاڭجۇاڭ كەنتىنىڭ مەنزىرىسى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فېڭ داپېڭ فوتوسى).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: «ۋىلايەت، ناھىيە ئىدارە قىلىنسا، جاھان ئەمىن تاپىدۇ». يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، خېنەن لەنكاۋ ناھىيەسى دادىللىق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ناھىيەنى يېڭىدىن ئىدارە قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بىلەن خەلقنى بېيىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات بىلەن تەرەققىياتنى بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر-بازار بىلەن يېزا-كەنتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۈلگىلىك قىممەتكە ئىگە نەتىجە ياراتتى.
كىرىشتۈرۈلگەن سۈرەت: يۇقىرىقى سۈرەت 20-ئەسىرنىڭ 60-، 70- يىللىرىدىكى خېنەن لەنكاۋ ۋوگزالى (ماتېرىيال سۈرەت)؛ تۆۋەندىكى سۈرەت: 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان خېنەن لەنكاۋ جەنۇبىي ۋوگزالى .
2018-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسىنىڭ خۇاڭخې دەرياسى ساھىل رايونى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش مەھەللىسى گۇيىڭ بازىرىدىكى ياۋجەي يېڭى كەنتى مەھەللىسى.
خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسىنىڭ خۇاڭخې دەرياسى ساھىل رايونى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش مەھەللىسى گۇيىڭ بازىرى ياۋجەي يېڭى كەنتى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى خۇاڭ يۈيىڭ كۆچۈرۈشتىن ئىلگىرىكى كونا ئۆيلەرنىڭ سۈرىتىنى كۆرسەتمەكتە (2018-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) .
خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسىنىڭ پۇتاۋجيا يېزىسى جاۋدولۇ كەنتىدىكى يېزا-بازار كادىرلىرى نامرات ئائىلە فەن يۈخۇا (سولدىن ئىككىنچى كىشى) نىڭ ئۆيىگە كېلىپ يوقلىدى (2018-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) .
ساياھەتچىلەر جياۋ يۈلۇ ئەينى يىلى تىككەن چىنار دەرىخىنىڭ يېنىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە (2019-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسى خۇيئەن كوچا باشقارمىسىغا تەۋە فەنلوۋ كەنتىدە، مەھەللە پىدائىيلىرى بالىلارنىڭ تەتىلدە ئويۇن ئوينىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا (2019-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسى دۇڭباتۇ يېزىسى جاڭجۇاڭ كەنتىدە، چۈشەندۈرگۈچى كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىچىدىكى «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن تام سۈرەتلىرى»نى تونۇشتۇرماقتا (2018-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
ئىشچىلار لەنكاۋ خېڭدا ئۆي جاھازلىرى كەسپى رايونىدا ياغاچ ئىشىك ئىشلەپچىقارماقتا (2019-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).