تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گۈيجوۋ چىشۈي: ساياھەت تاشيولى خەلقنى بېيىتىپ ساياھەتنى گۈللەندۈردى

بۇ 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان چىشۈي جۇخەي دۆلەت ئورمان باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت تاشيولى كۆرۈنۈشى.  

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۇيجوۋ ئۆلكىسى چىشۈي شەھىرى جۇخەي دۆلەت ئورمان باغچىسىدا ھازىر بار بولغان بامبۇكزارلىق كۆلىمى 100 مىڭ مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئېگىز تاغ چوققىلار ئارىسىدا 3000دىن ئارتۇق دېھقان ئولتۇراقلاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىشۈي شەھەرلىك ساياھەت تارماقلىرى «پارتىيە قۇرۇلۇشى + ساياھەت + نامراتلارنى يۆلەش» ئەندىزىسى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ بۇ يەردىكى ئەسلىدىكى پەنشەن تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، ھەم ساياھەتچىلەرنىڭ جۇخەي مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ھەم شۇ جايدىكى دېھقانلار ئۆستۈرگەن بامبۇك، بامبۇك نوتىسى قاتارلىقلارنى قولايلىق ساياھەت تاشيولى ئارقىلىق تاغنىڭ ئۇ يېقىغا چىقاردى، تاغلىق رايوندىكى نۇرغۇن دېھقان يەنە مەنزىرە رايونىنىڭ مول ساياھەتچىلەر مەنبەسىگە تايىنىپ دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، «ئىشىكى ئالدىدا» كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

بۇ 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان چىشۈي جۇخەي دۆلەت ئورمان باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت تاشيولى كۆرۈنۈشى.

بۇ 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان چىشۈي جۇخەي دۆلەت ئورمان باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت تاشيولى كۆرۈنۈشى.

ساياھەتچىلەر چىشۈي جۇخەي دۆلەت ئورمان باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا (2018-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

گۇيجوۋ ئۆلكىسى چىشۈي شەھىرى بىڭئەن بازىرىنىڭ بىڭئەن كەنتىدىكى دېھقانلار بامبۇكزارلىقىدا بامبۇك نوتىلىرىنى يىغماقتا (3-ئاينىڭ 30-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

گۇيجوۋ ئۆلكىسى چىشۈي شەھىرى بىڭئەن بازىرىنىڭ بىڭئەن كەنتىدىكى دېھقانلار بامبۇك نوتىلىرىنى قاچىلاپ سېتىشقا تەييارلىق قىلماقتا (3-ئاينىڭ 30-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ