تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باي ناھىيەسى: كىچىك مەيدان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىتىراھەت قىلىدىغان ياخشى جايىغا ئايلاندى

  قانداق قىلغاندا يېزىلارنىڭ تۇرمۇش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، پاكىز، رەتلىك، ئازادە مۇھىت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئاممىنىڭ ئەتىسى-ئاخشىمى ئارام ئالىدىغان جايى بار بولىدۇ؟ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى قانداق قىلغاندا ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ باي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كانچى يېزىسى كۆيباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، يېزىلىق پارتكوم، كەنت « ئىككى كومىتېت»ى ئىزچىل ئويلىنىۋاتقان مەسىلە.

  يېزىلىق پارتكوم ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ غەربىدىكى 100 مېتىر جايدا بىر كىچىك مەيدان قۇرۇشنى قارار قىلدى.

  ئون نەچچە كۈن تىرىشىش ئارقىلىق، كۆلىمى 4660 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان كىچىك مەيدان دەسلەپكى قەدەمدە پۈتتى. كىچىك مەيداندىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن، شارائىتى بار ئاھالىلەر كىچىك مەيداندا ئۇششاق تىجارەت قىلسا بولىدىغان بولدى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، ئايزۆھرە ياسىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە گۇرۇپپا ئاھالە ئالدى بىلەن كىچىك مەيداندا سەييارە لەڭپۇڭ يايمىسى ۋە كاۋاپ يايمىسىنى قۇردى، ئۇلارنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 يۈەن كىرىم قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىلەر يايما ئېچىشنى ئىلتىماس قىلدى.

  «ئىلگىرى بۇ يەر مەينەت، قالايمىقان، ناچار ئىدى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇنداق ئۆزگۈرۈپ، قىزىپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. كىچىك مەيدان قۇرۇلۇشى كەنت مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ياخشى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە كۆپ رەھمەت» دېدى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئاتىكەم مەمەت كۈلۈپ تۇرۇپ.

( ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جېڭ شۆخۇا، يۇڭ ليەنرۇڭ ماقالىنى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ