تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشى توغرا تاللاش، لېكىن ھەمكارلىقنىڭ پىرىنسىپى بار

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  «ھەمكارلىق ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشىش ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق». جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەمكارلىق بىردىنبىر توغرا تاللاش، ئورتاق پايدا ئالغاندىلا ئاندىن گۈزەل كەلگۈسىگە يول ئاچقىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىگە قارىتا، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىزچىل تۈردە ئىنتايىن زور سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ قوش پايدا ئېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلدى. ھالبۇكى، ئامېرىكا تەرەپ گېپىدە تۇرماي، چېكىدىن ئاشقان بېسىم ئىشلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا چىقارغان مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۆھبىتىگە كۆلەڭگە پەيدا قىلىپ، كېڭىشىشنىڭ نەتىجىسىز بولۇشىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي ئامېرىكا تەرەپتە. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپنىڭ سۆھبەتكە تۈرتكە بولۇشتىكى سەمىمىيىتى ۋە ياخشى نىيىتى ھەممىگە ئايان. ھازىر، جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادى چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشى جۇڭگو خەلقىگە پايدىسىز، ئامېرىكا خەلقىگە پايدىسىز، دۇنيا خەلقىگىمۇ پايدىسىز. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئارزۇسى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەرىكىتى دۇنيانىڭ ئارزۇسىغا زىت. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشى ئەڭ ياخشى تاللاش، لېكىن ھەمكارلىقنىڭ پىرىنسىپى بار. جۇڭگو تەرەپ مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ھەرگىز يول قويمايدۇ، قەتئىي تۈردە دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى يوقاتمايدۇ، ھەرقانداق ئادەم جۇڭگو ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئاچچىق مېۋىنى يۇتىدۇ دەپ ئۈمىد باغلىمىسۇن. جۇڭگو تەرەپ سۆھبەت دەرۋازىسىنى باشتىن - ئاخىر كەڭ ئېچىۋەتتى، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد - سودا ساھەسىدە كەڭ دائىرىدە ئورتاق مەنپەئىتى ۋە كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى بار، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەك، دەپ قاراپ كەلدى. بۇ، كىشىلەر كۆڭلىنىڭ مايىللىقى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىدراكىي، ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە بىلەن ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  دۇنيا كۆپ خىللىققا ئىگە، ئىختىلاپ بولمىسا دۇنيا بولمايدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى ئىككى تەرەپنىڭ تۈپ مەنپەئىتى بەلگىلىگەن، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش جۇڭگو تەرەپكە پايدىلىق، ئامېرىكا تەرەپكە پايدىلىق، پۈتۈن دۇنياغىمۇ پايدىلىق. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: «ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ پەرقلەرنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرسىلا، ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان يوق، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىمۇ چوڭ كاشىلىغا ئۇچراشتىن ساقلىنالايدۇ».

  ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىگە قارىتا، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى باشتىن - ئاخىر ئېنىق: سودا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغۇچى يوق، جۇڭگو ئۇرۇشۇشنى خالىمايدۇ، لېكىن ئۇرۇشۇشتىنمۇ قورقمايدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىشى چوڭ يۈزلىنىش، بىرىنچى پەسىلدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەتچىلىككە سېلىنغان مەبلەغ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 ۋە %19.3 ئاشتى؛ ئىچكى ئېھتىياج جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي موتورىغا ئايلاندى، بۇلتۇر ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %76.2كە يەتتى. بىز پۈتۈن يەر شارىدا ئەڭ مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، دۇنيادا كۆلىمى ئەڭ زور بولغان ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىغا ئىگە، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار چوڭ بازارغا ئىگە، يېتەرلىك تەرەققىيات ئېلاستىكىلىقى، يوشۇرۇن كۈچى ۋە قايتۇرۇۋالغۇدەك ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، خىرىس قانچە كەسكىنلەشكەنسېرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، زېھنىي كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلساقلا، بىز تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، بارلىق قىيىنچىلىقلار، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ