شىنجاڭ گېزىتى، بورتالا 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، پىراكتىكانت دۇڭ يېبو خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى ئۇلاستاي كەنتىدىكى كىيىم -كېچەك زاۋۇتىدا، ئىشچىلار قولىدىكى ئىشىنى تەرتىپلىك قىلىۋاتاتتى. ھازىر بورتالا شەھىرىدىكى ھەر قايسى كەنت كارخانىلىرىدا يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقان كەنت ئاھالىلىرى 4000غا يەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ شەھەردىكى ھەرقايسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەخسۇس مەبلەغنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز جايىدا كارخانا قۇرۇشقا دەۋەت قىلىش، سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىختىساسلىقلارنى كەنتكە قايتىپ كارخانا قۇرۇشقا جەلپ قىلىش، باشلامچى كارخانىلارنى كەنتكە كېلىپ زاۋۇت قۇرۇشقا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قول-ھۈنەر توقۇمىچىلىقى، خاس دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كىيىم-كېچەك پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار كارخانىلارنى قۇرۇپ چىققان. ھازىر، بورتالا شەھىرىدىكى ھەرقايسى كەنتلەردە جەمئىي 120دىن ئارتۇق كەنت كارخانىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 80 زاۋۇت 20دىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەتكەن، 25 زاۋۇت 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەتكەن، بۇ كەنت كارخانىلىرى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.