مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ ساياھەت گۇرۇھى بىلەن سەنيا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە كېلىشىم ئىمزالاپ، يىپەك يولى يۈرۈشلۈك ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پۈتۈن بىر يىلدا خەينەن سەنيا بىلەن شىنجاڭ ئارىسىدا بېرىپ-كېلىپ قاتنايدىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىن سەنياغا دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىشقا بارىدىغانلار ھەر يىلى 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ھەر يىلى 11-ئايدىن كېيىنكى يىلى 4-ئايغىچە بولغان پەسىللىك ساياھەت ئاساس قىلىندى. شىنجاڭ ساياھەت گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى شۈ يەن مۇنداق دېدى: «بۇ يىلقى ساياھەت ھەمكارلىقى ئۈچۈن، يىل بېشىدا گۇرۇھىمىز سەنيا شەھىرىدە شىنجاڭ ساياھەت ئىش باشقارمىسى تەسىس قىلدى.»
ئىگىلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، سەنيادىن شىنجاڭغا يولغا چىققان ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ساياھەت مەخسۇس پويىزى سىناق تەرىقىسىدە قاتناپ، خېيلۇڭجياڭ، خېنەن، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 400دىن ئارتۇق ساياھەتچى سەنيانى ساياھەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلغان. شۈ يەن مۇنداق دېدى: «سەنيا تەرەپتىن بۇ يىل ئاز دېگەندە 20 ساياھەت مەخسۇس پويىزى شىنجاڭغا قاتنايدۇ.»