5-ئاينىڭ 9-كۈنى، يىجۇاڭ بازىرىدىكى ئاھالىلەر ۋۇتوڭ باغچىسىنى تاماشا قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داشىڭ رايونى يىجۇاڭ بازىرىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋۇتوڭ باغچىسى ئاھالىلەرگە رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. بۇ باغچە ئەسلىدە كونا ئەشيا ئوبوروتى توپ سېتىش بازىرى بولۇپ، بازار كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، يىجۇاڭ بازارلىق ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ ۋۇتوڭ ئورمىنى، بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئورۇندۇق، مەدەنىيەت كارىدورى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سېلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان شەھەر باغچىسىغا ئايلاندۇردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شىن فوتوسى)
يۇقىرىقى سۈرەت: ۋۇتوڭ باغچىسى (2019-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن شىن فوتوسى)؛ تۆۋەنكى ماتېرىيال سۈرەت: ئەشيا ئوبوروتى توپ سېتىش بازىرى (2017-يىلى 10-ئايدا تارتىلغان سۈرەت).
5-ئاينىڭ 9-كۈنى، يىجۇاڭ بازىرىدىكى ئاھالىلەر ۋۇتوڭ باغچىسىدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولىدا سەيلە قىلماقتا.