شىنجاڭ گېزىتى، خوتەن، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋىرى (مۇخبىر لى داۋجوڭ): «بۈگۈن، مەن تۇغقىنىم تۇرنىسا نۇر بىلەن بىللە خوتەن شەھىرى يۈچۈەنخۇ باغچىسىغا بېرىپ ئويناپ، كەچتە خوتەن كەچلىك بازىرىغا بېرىپ تاماقلىنىپ كېلىمىز. كېيىن، بىز يەنە خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىغا بېرىپ، ئەتلەس يىپەك توقۇمىچىلىق دۇكىنىغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىشنى پىلانلىدۇق.» 5-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوتەن شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ لىشيا شۇنداق دېدى. شۇ كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ «تۇغقىنىم بىلەن بىللە خوتەننى سەيلە قىلىمەن» قوشماقلاشقان تۇغقانلار مېھىر ئۆتۈشتۈرۈش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.
«مەن تۇغقىنىم بىلەن بىللە خوتەننى سەيلە قىلىمەن» قوشماقلاشقان تۇغقانلار مېھىر ئۆتۈشتۈرۈش پائالىيىتىنى خوتەن ۋىلايەتلىك «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلار مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن. پائالىيەت مەزگىلىدە، خوتەن ۋىلايىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئىدارىلەر، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر كادىرلارنى تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە خوتەننى سەيلە قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە قارىتا مەدەنىيەت ساياھىتى، قىزىل ساياھەت، سانائەت ساياھىتى، يېزا-كەنت ساياھىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. كونكرېت مەزمۇنى: بىر سانائەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خوتەننىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلىش؛ بىر كەنت زاۋۇتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خوتەن يېزىلىرىدىكى يېڭى كەيپىيات توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش؛ بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى بىرلىكتە قوبۇل قىلىش؛ بىر مۇزىي، كۆرگەزمىخانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش، تەستە قولغا كەلگەن مۇقىم ۋەزىيەتنى قەدىرلەش ۋە قوغداشقا يېتەكلەش؛ بىر قېتىملىق كوللېكتىپ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر ئۈستەلدە تاماق يەپ، بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىپ، بىر ئۇسسۇلنى تەڭ ئويناپ، بىر قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش ھېكايىسىنى تەڭ سۆزلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.