شىنجاڭ گېزىتى، خوتەن، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋىرى: مۇخبىر لى داۋجۇڭنىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرگەزمە رايونىدىكى كۆلىمى 160 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بېيجىڭ «نامراتلارنى يۆلەش سارىيى» مېھمانلارنى كۈتۈۋالغان، سارايدا چىلان، ياڭاق، توشقان زەدىكى قاتارلىق خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپلا قالماي، شىنجاڭ خوتەن باش تېما كۈنى پائالىيىتىمۇ باشلانغان.
زال ئىچى كۆرگەزمە رايونىدىن باشقا، نەق مەيداندا يەنە زال سىرتىدىكى سەھنە، LED چوڭ ئېكرانىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرى، ساياھەت بايلىقى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، شەھەر ئوبرازى قاتارلىقلار تەشۋىق قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلغان.
بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق شىتابى كەسىپ ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما يۇڭشىن مۇنداق دېدى: «بىز خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋەكىللىك ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللىدۇق ھەمدە شۇ جايدىكى باشلامچى كارخانىلار ئارقىلىق دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىگە ئەكىرىپ، مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىپ ساتتۇق، خوتەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شۇ جايدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.»
بۇقېتىمقى خوتەن باش تېما كۈنى پائالىيىتى ئىككى ھەپتە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ھەر كۈنى نەق مەيداندا ئويۇن قويغاندىن باشقا، يەنە خوتەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن.