تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن ئاپتوموبىل ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلدى

5-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ جەنۇبىي يولى بىلەن نەنخۇ غەربىي يولى كېسىشكەن جايدا، قاتناش ساقچىسى نەق مەيداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا مەشغۇلات قىلىپ، قاتناش ئەھۋالىنى چارلىماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى شۆتۇڭ، لى جې):  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ قانداق قىلىپ يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا مەركىزىي شەھەرنىڭ قاتناش ئەھۋالىنى چارلايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ، ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ «يەر يۈزى + ھاۋا بوشلۇقى» ئىستېرېئولۇق چارلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قاتناش باشقۇرۇش ھەمدە شەھەر يوللىرىدا قاتناش توسۇلۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قاتناشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا چارلاش تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىدۇ

  5-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ جەنۇبىي يولى بىلەن نەنخۇ غەربىي يولى كېسىشكەن جاي (تېلېگراف شىركىتى يول ئېغىزى)دا، قاتناش ساقچىلىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن بۇ يول ئېغىزىنىڭ قاتناش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا چارلىدى. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۇچقاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قولىدىكى ئېكراندا، نەنخۇ جەنۇبىي يولى، نەنخۇ غەربىي يولى ۋە كېنەن كۆتۈرمە كۆۋرۈكىنىڭ قاتناش ئەھۋالى ئېنىق كۆرۈندى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شەھەرلىك تارماق ئەترەت دېيىلىدۇ) ئالاھىدە ۋەزىپە چوڭ ئەترىتى 1-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ۋاڭ تاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان خەلق ساقچىلىرى بارالمايدىغان جايلارغا ياكى نۇقتىلىق كۆرۈنمە چاستوتا بىلەن قاپلىيالمايدىغان جايلارغا يېتىپ بارالايدىكەن. «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ سىستېمىسى بىلەن شەھەرلىك تارماق ئەترەت قوماندانلىق مەركىزىنىڭ سىستېمىسى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلسا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تارتقان يول ئەھۋالىنى شۇ ۋاقىتتا يوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

  «بوشلۇقتا ۋە يەر يۈزىدە» ئىستېرېئولۇق يېتەكلەش ئارقىلىق قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

  «ئىلگىرى، بىز چارلىغاندا، يولىدىلا چارلايتتۇق، قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئاپتوموبىل توسۇلۇپ قالسا، بىزمۇ يولدا توسۇلۇپ قېلىپ، قاتناش توسۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى.» دېدى شەھەرلىك تارماق ئەترەت ئالاھىدە ۋەزىپە چوڭ ئەترىتى 2-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىسى يۈەن چۈەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا چارلاش خىزمىتى مەركىزىي شەھەردە قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئاساسلىقى قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تاشقى ئايلانما يول ۋە كېنەن كۆتۈرمە كۆۋرۈكى يول قاتنىشىنىڭ ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلۇپ، توسۇلۇشنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ قولايلىق قاتناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

  «پەن-تېخنىكا» قاتناش باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈكلەشتۈرىدۇ

  كېيىنكى مەزگىلدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى  ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىدۇ. يۈەن چۈەننىڭ دېيىشىچە، كەلگۈسىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا يەنە ئاۋاز سىستېمىسى ئورنىتىلىدىكەن، شۇ ۋاقىتتا، ساقچىلار ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ بارالمىسا، ئاۋاز سىستېمىسى ئارقىلىق نەق مەيداندىكى ھادىسە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسىگە قانداق قىلىش توغرىسىدا قوماندانلىق قىلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، كەلگۈسىدە يەنە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق يولدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەھۋالى كۆزىتىلىپ، يول بويىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئاپتوموبىل يولىنى ئىگىلىۋېلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ  يول ئۆزگەرتىش، ئاپتوموبىلنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ياندۇرۇشتىن ئىبارەت بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار سۈرەتكە تارتىلىپ دەلىل-ئىسپات ئېلىنىپ، ئارقا سۇپىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ئۇچۇرلىرى يوللىنىپ، بۇ خىل قىلمىشلار ئۈنۈملۈك تۈزىتىلىدىكەن ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ