تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئىقتىساد سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدى، جەمئىيەت سىجىل بىخەتەر، مۇقىم بولدى، خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگو بۇ «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى ياراتتى، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالدى. بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپى ۋە كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

  ئەمدىلا يېپىلغان مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئەمەلىيەت داۋامىدا توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى، يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يېڭى دەۋردە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشقا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  تىنچ - ئامانلىق خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى، ئامان - ئېسەنلىكىنىڭ ئاساسىي تەلىپى، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت، تەرەققىيات، بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولۇش، ئىنتىزامى قاتتىق بولۇش باش تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، قاتتىق جەڭلەردە بىر - بىرلەپ غەلىبە قىلىپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، جەمئىيەت تىنچلىقى، خەلقنىڭ تىنچلىقى - خاتىرجەملىكىنى كۈچلۈك قوغدىدى، «تىنچ - ئامان جۇڭگو» بىر يارقىن دۆلەت ئىسىم كارتىسى بولۇپ قالدى. چىگىش، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىدە بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىدا، پارتىيەنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاپالىق تۆھپە قوشقانلىقىدا.

  پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوغدىغۇچىسى، جەزمەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قولىدا مەھكەم ئىگىلىنىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ قەتئىي توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ئۈچۈن دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، سىياسىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بارلىق ساقچىلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش؛ ئىدىيەۋى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بارلىق ساقچىلارنى ئېتىقاد ئاساسىنى پۇختىلاشقا، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاشقا، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇشقا تەربىيەلەپ، ئىدىيە جەھەتتىكى يۈكسەك ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىك ئارقىلىق ھەرىكەتنىڭ قەتئىي، كۈچلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ سىياسىيدا سادىق، سىياسىيدا مەسئۇلىيەتچان، سىياسىيدا ئىقتىدارلىق، سىياسىيدا تەلەپچان بولۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ۋەزىيەتنى كۆزىتەلەيدىغانلار دانادۇر، ۋەزىيەتنى تىزگىنلىيەلەيدىغانلار غالىبتۇر. نۆۋەتتە، بىز دۇچ كېلىۋاتقان تاشقى مۇھىت ۋە ئىچكى شارائىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، ئىلگىرىلەش يولىمىزدا نۇرغۇن يېڭى خەۋپ ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز.

  يېڭى دەۋردە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىشتا، جەزمەن ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ساقچىلار قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يۇقىرى ساپالىق، كۈچلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنى قۇرۇشى كېرەك.

  «ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەڭ مۇھىمى خەلقنى خاتىرجەم قىلىش». بىخەتەر سىياسىي مۇھىت، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت، ئادىل قانۇنچىللىق مۇھىتى، ئەلا مۇلازىمەت مۇھىتى بولغاندىلا، ئاندىن خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسىلا، چوقۇم خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ